ھازىر نۇرغۇن ئاياللار گۆشسىز غىزالىنىدۇ. ئەمما ئاياللار تېرىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ كۈچ – ماغدۇرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل گۆشتىكى قىزىل قان ئاقسىلى ( گېموگلوبىن )دۇر. قىزىل قان ئېلېمېنتى (ھېموپروتېئىن) دىكى تۆمۈر ئىئونى ئادەم ئورگانىزىمى ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، ئەگەر قىزىل قان ئاقسىلى (گېموگلوبىن) نى ياسايدىغان تۆمۈر يېتەرلىك بولمىسا، سىرتقى تېرە يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنەلمەيدۇ، ھۈجەيرە ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، تېرە ياش ھەم جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇنداقلا قان ئازلىق پەيدا بولۇپ تېرە سولغۇن، ئېلاستىكىلىقى ناچار، نۇرسىز بولىدۇ، تېز قېرىپ كېتىدۇ.
گۆشسىز غىزالانغۇچىلار تۆمۈردىن باشقا كالتسىي ۋە سنىككىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. كۆكتاتلاردا كالتسىي كۆپ بولسىمۇ كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزغا ھەرگىز يەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ كۆكتاتلاردىكى چۆپ كىسلاتاسى بىلەن تاننىك كىسلاتاسى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا گۆشسىز غىزالانغۇچىلار پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
كۆكتاتلاردا يەنە سىنىك كەم بولغاچقا، گۆشسىز غىزالانغۇچىلاردا ئۇزاق مۇددەت سىنىك كەم بولسا چاچ چۈشۈش، ئىشتىھاسىزلىق، تىرناق چۈرۈكلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا كالا، بېلىق، توخۇ، ئۆردەك گۆشلىرىنى يەپ بېرىش كېرەك.