بىزدە، ئايال كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدە.ئاق كۆڭۈللۈك جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى دەيدىغان قاراش بار. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئايال كىشىنىڭ ئىچى تار، كۆڭلى قارا بولسا، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەر كىشى ئۇنى ئۇزاققىچە قوغلىشىشى ناتايىن. گەرچە ئەرلەر دەسلەپتە ئۇ ئايالنى جان تىكىپ قوغلىشىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قوغلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ.

ئەگەر بىر ئەر بىر ئاق كۆڭۈل ئايال بىلەن ئارىلىشىپ قالسا، ئەر كىشىنڭ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىدۇ، بۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا مۇھەببەتتىن باشقا، يەنە ھۆرمەت ھېسىياتىمۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق ئاستىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلۇشۇپ بارىدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشتا باشقىلارنى ئويلايدۇ.
دېمەك، ئاق كۆڭۈللۈك-جەلىپكار ئايال بولۇشنىڭ ئاساسى. سىزدە پەقەت بىر ئاق كۆڭۈل يۈرەك بولدىكەن، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭىز، ئائىلە مۇناسىۋىتىڭىز، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ، يولدىشىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە، بالىلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە، دوستلىرىڭىزنىڭ غەمخورلۇقىغا ئىرىشىسىز. بۇنداق ئايال بەخىتلىك ھەم نازاكەتلىككە تولغان بولىدۇ.