باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىمىز؟

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:57:14

/

 

يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

   تېمپىراتۇرىنىڭ ئىزچىل تۈردە يۇقىرى ئۆرلىشى ئاسانلا ئادەمگە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوختۇرلار كىشىلەرنى بۇنداق ئىسسىق كۈنلەردە دەل چۈش ۋاقىتلىرى سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىشقا شۇنداقلا مېيى ئاز سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى مۇدىرى شۆ كېدوڭنىڭ دېيىشىچە، تېمپىراتۇرا يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە ئىممۇنېت كۈچى تۆۋەن بولغان ياشانغانلار، بالىلار ۋە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىزمەت بېسىنى كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز چارچاش بىرقەدەر كۆپ بولغان كىشىلەرگىمۇ ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.   كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا خىزمەت قىلغاندا ئاپتاپنىڭ بىۋاسىتە تېگىشىدىن ساقلىنىش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، مۇۋاپىق تەرتىپتە سۇ تولۇقلاش، ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم سالقىن ئورۇنلاردا ئارام ئېلىش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان كىشىلەرنى دەرھال ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن ئورۇنلارغا ئېلىپ كېلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ كىيىملىرىنى يېشىپ سالقىنلىتىش كېرەك، ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلارنى بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش لازىم.   ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى جىگەر ئۆت ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بۆلىمىنىڭ مۇدىر دوختۇرى شىيا ئەيلىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ياز پەسلىدە كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ھەدىدىن زىيادە مايلىق بولغان پولۇ، كاۋاپ، لەغمەن قاتارلىق تاماقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىدە جۇغلانما ماينىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تالغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئىسسىق پەسىلدە سۇيۇق مايسىز يېمەكلىكلەرنى، تاۋۇز ۋە باشقا مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى

 

 1. بىمارنى دەرھال سالقىن جايغا يۆتكەپ، تۈز ياتقۇزۇپ كىيىملىرىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىۋېتىپ، ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىسسىقلىق تارقىلىدۇ.

 2. سوغۇق لۆڭگىنى بىمارنىڭ پىشانىسىگە قويۇش، شارائىت بولسا ئىسپىرت، ئاق ھاراق، سوقۇق سۇ بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈش، ئاندىن شامالدىتىش كېرەك.

 3. ئەگەر بىمار ھوشىغا كېلىپ قالسا تەركىبىدە تۇز ياكى ناترىي كاربونات بولغان ئىچىملىك بېرىش كېرەك.

 4. ئەگەر بىمار سېزىمىنى يوقاتقان بولسا، ئوتتۇرا بەلنى بېسىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

 5. قىزىش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، «120» جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون بېرىش كېرەك.

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىكى يېمەك-ئىچمەكتىكى تۆت چوڭ پەرھىز

يازدا ئادەمگە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دەل ۋاقىتىدا داۋالانغاندىن سىرت يەنە يېمەك-ئىچمەكتىكىن پەرھىز تۇتىشىمىز لازىم.1. سۇنى كۆپ ئېچىشتىن پەرھىز تۇتۇش ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم چوقۇم ئىچىلىدىغان سۇنىڭ مىقدارنى ئاز، قېتىم ساننى كۆپەيتىشى، ھەر قېتىملىق مىقدارنى چوقۇم 300 مىللىلىتىردىن ئاشۇرۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كۆپ مىقداردا ئىچىلگەن سۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تەرنى كۆپەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى نەملىك ۋە تۇز مىقدارنىڭ كۆپلەپ چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغانلاردا ئىسىسقتىن تارتىشىپ قېلىش يۈز بېرىدۇ.2. كۆپ مىقداردا خام ۋە سوغۇق مېۋە-چېۋە يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تال-ئاشقازىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئەگەر كۆپ مىقداردا خام ۋە سوغۇق مېۋە-چېۋە يېسە، تال-ئاشقازاننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇپ، تال-ئاشقازاننى ھالسىزلاندۇرۇپ ۋە سوۋۇتۇپ، ئېغىر بولغاندا ئىچ سۈرۈش، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.3. كۆپ مىقداردا مايلىق تاماق يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇشياز پەسىلدىكى ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مايلىق تاماقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. ئەگەر كۆپ مىقداردا مايلىق تاماق يېگەندە ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۈكى ئېشىپ، كۆپ مىقداردىكى قاننىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدا توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزلىۋاتقان قاننىڭ ئازلاپ كېتىدۇ-دە، ئادەم ئاسانلا ھالسىزلىنىپ، ئوڭايلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.4. بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، گەرچە بەدەن  ماغدۇرسىز بولسىمۇ لېكىن بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، ئەگەر بۇنىڭغا سەل قارالسا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىسىز. چۈنكى بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى بالدۇر تولۇقلىغاندا، ئۆتكەن ئىسسىق پات يانمايدۇ ياكى ئەسلىدە بارا –بارا يېنىۋاتقان ئىسسىق قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. 

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

يازدا ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، قوللانغان تەدبىرلەر توغرا بولمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا تۆۋەندىكىدەك خاتا قاراشلاردا بولماسلىق كېرەك:1.ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن ئازراق ئارام ئالسىلا بولدى. بەزى كىشلەرگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن، بىر ئاز ئارام ئېلىپلا، ياخشىلىنىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ ھەمدە سىرتلاردىكى پائالىيەت ۋە ئەمگەكلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، دەرھال سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ئارام ئېلىش، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم بەدەن تېمپېراتۇراسىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، يەنە قىزىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.2. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يېيىش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بەزى كىشىلەر قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يېيىش ئارقىلىق قىزىتمىنى چۈشۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دورا يېيىش بەدەننىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قىزىسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ ياخشىسى فىزىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، مۇز خالتىسى، ھۆل لۆڭگىنى پېشانىگە قويۇش قاتارلىقلار.3. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىنلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىش جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سۇنى ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم ئىچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.4. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا، تېزدىن ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيگە كىرىش. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جايدىن تېزدىن ئايرىلىش كېرەك. بىراق ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس. بۇنداق ۋاقىتتا بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ئەڭ ياخشىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاستا-ئاستا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2