كىرىش سۆز:مەيلى قانداق دەۋر بولسۇن، دەۋر قانداق تەرەققىي قىلغان بولسۇن، يەنىلا بىر تۈركۈم ئەر-ئايال ئىچىدىن تالاغا قاراپ قېلىشنى خالىمايدۇ. مەيلى نىسبىتى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن شۇنداق بىر تۈرۈكۈم ئەر-ئايلار بار، ئۇلار يەنىلا پاك مۇھەببەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ كېتىش دېگەنلەرنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ مۇھەببەتنىڭ رىۋايىتى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى زاماندا تالاغا قاراشقا سەۋەب بولىدىغان ئازدۇرۇشلار ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى. سىزنىڭ تالاغا قاراش نىيىتىڭىز بولمىسىمۇ، لېكىن شۇنداق ئازدۇرۇشلارنىڭ ئالدىدا، بەلكىم بىردەملىك كاللىڭىز قايمۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ نىكاھىڭىز، ئائىلىڭىز قاتارلىقلارنى ئۇنتۇشىڭىزغا سەۋەب بولۇپ، كېيىنكى كۈنلىرىڭىز ناھايىتى ئوساللىق ھەم ئەندىشە ئىچىدە ئۆتۈشى مۇمكىن. ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەگەر تالاغا قاراش نىيىتىڭىز بولمىسا، ئۇ چاغدا تۆۋەندىكى بەش خىل ئايالدىن يىراق تۇرۇڭ.
-
مال-دۇنياغا ئامراق ئاياللار
مۇنداق بىر گەپ بار، يەنى ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مال-دۇنياغا ئامراقلىقىدىن. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان گەپ، يەنى ئەگەر سىز ئالاقە قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە شۇنداق پۇلپەرەس ئاياللار بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىڭ. ئەگەر سىز پۇلدار ئەر بولسىڭىز، ئۇ ھەرگىز ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايلا سىزگە يېقىنلىشىدۇ. سىزنى تۇيدۇرمايلا ئۆزىنىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان چېگرادىن ھالقىپلا كەتسىڭىز، ئۇ سىزگە ھەر خىل ھەر ياڭزا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. سىز ئۇنىڭ تەلىپىگە يەتمىسىڭىزلا ئۆيىڭىزگە بېرىشى، سىزنى سازايى قىلىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ سىزگە ئاراملىق بەرمەيدىغىنى ئېنىق.
2. ئەر-ئايال ئىناق ئۆتمەيدىغان ئائىلىدىكى ئاياللار
ئەر-ئايالنىڭ ئىناق بولماسلىقى تالاغا قاراشنىڭ ئېھتىماللىقىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق چاغدا بۇ ئايال بىلەن يېقىنلاشسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاقىۋەت ياخشى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق ئايال سىزنىڭ ياخشى تەرىپىزنىڭ كۆرۈپلا قالسا ھېسىيات پەيدا بولۇپ، سىزگە چاپلىشىپلا قالىدۇ. ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئائىلىڭىز ئەمىن تاپمايدىغانلىقىنى تۇرغانلا گەپ.
3. كۆڭلى يۇمشاق ئاياللار
بۇ خىل ئايال كىچىكىدىن تۇغما ھالدا مۇشۇنداق كېلىدۇ، ھەتتا بىر جۈملە گەپ بىلەنمۇ ئۇنىڭ قاتتىق تەسىرلەندۈرۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز ئادەتتىكى گەپنى قىلسىڭىزمۇ، ئۇ بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن. بەلكىم بىر قېتىملىق ناھايىتى نورمال بولغان قوغداپ قويۇشىڭىز ئۇنى ئالەمچە تەسىرلەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ئايال ناھايىتى ئاسانلا تالاغا قارايدۇ، ئەگەر سىز بۇنداق چاغدا سىز بۇ خىل ئايالغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاسان تەسىرلىنىپ ھەم ھېسىياتچان بىرىگە ئايلىنىپ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئايالىڭىزنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالىسىز. بۇ چاغدا ئالدىڭىزدىكى بۇ ئايالنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئايالىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىگە ياندىشىپ چەكسىز يوغىنايدۇ. شۇنداق قىلىپ ناھايىتى ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىسىز.
4. ناز-كەرەشمىلىك ئاياللار
مەيلى سىز ئۆزىڭىزنى قانداق تۇتۇۋالغان ئەر بولۇڭ، ناز-كەرەشمىلىك ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىنى كونترول قىلالماي قالىسىز. بۇنداق ئاياللار سىزگە يېقىنلاشسا ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكەن ئەرلەرنىمۇ قولىدا ئوينىتىۋېتىشى مۇمكىن.
5.ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئاياللار
بۇندا ئايال ھەمىشە سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ دوستى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن، ياكى سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز، دوستىڭىز، خېرىدارىڭىز قاتارلىقلار. ئەگەر بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە ھەسەتخورلۇقى زىيادە كۈچلۈك بولغانلىرى بولسا سىز چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. بۇندا ئايال كۆز ئالدىدىكى بەختلىك ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋەتسە پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ئايال ئەتراپىڭىزدا بولسا قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ تۈرلۈك ئاياللار بار بولۇپ، بۇندا ئاياللار بىر ئەرنىڭ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ روناق تاپقان ۋاقتىدا پەيدا بولۇپ، ھەممە ئىشنى قالايمىقان قىلىۋېتىشى، ھەتتا، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ئادا-جۇدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بىر ئەر ئۆيىنى ئوبدان تۇتىمەن دەيدىكەن، ئائىلىسىنى بەختلىك قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشى كېرەك.