ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى : مۇتەخەسسىلەر 1000دىن كۆپرەك ئائىلىنىڭ بالىلىرىنى تەكشۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە توقۇنۇش بار يوقلۇقى، ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغان بولمىغانلىقى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتى بار يوقلۇقىنى ئېنىقلىغان،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
ئۆلۈم،كېسەل ياكى ئاجرىشىش، ئايرىلىپ تۇرۇش كەچۈرمىشى بار بالىلارنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بەختلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەريەنە مۇنداق دېيىشتى: گەرچە بالىلاردا دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرگە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا ئىنسۇلىننى ئۆلتۈرىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسىنىڭ كېيىنرەك پەيدا بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بالىلار دۇچ كەلگەن ناچار ئائىلە تەسىرى ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.