«كىچىكىدىن ئەقىللىق دەپ ماختالغان بالىلار مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدۇ، جەڭلىشىشتىن تېخىمۇ قورقىدۇ.»«بالام، سەن بەك قالتىس جۇمۇ!»، «قوزام، سەن شۇنچە ئەقىللىق!» بۇلار جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلەر. سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى C.Dewck ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاشكارىلىشىچە، كىچىكدىن ماختىلىپ چوڭ بولغان بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەت قارىشىنى نامايەن قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ، شۇنداقلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاسانلا جەڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ 20 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ لۇچاڭنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مائارىپچىلارنى كۈچلۈك ئويغا سالدى: «بالىلارغا ئوقۇلغان ماختاشلار بالىلارغا بىر ئۆمۈر ئەگىشىپ يۈرىدىغان قارغىشمۇ-قانداق؟»«ھاياتلىق رەڭدار بولۇشى كېرەك، مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مەخپىيىتى بولسا كۆپ يۆنىلىشلىك، كۆپ تەرەپلىمە مۇھىم بەرپا قىلىش»ۋاڭ لۇچاڭنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، قايسى جەھەتتىن ئويلىغاندىمۇ، بۇ ئوماق قىزچاق ئەسلى بىر مۇنەۋۋەر ئۈلگە بولۇشى كېرەك ئىدى. بىر جۇڭگۇلۇق ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن ئالغاندا، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى گوياكى ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى چوققىسى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ چوققىدىن ئۆزىنى ئېتىشى بىلەن، ئەينەك شارچە كەبى گۈزەل رىۋايەت بەرباد بولۇپ، بىزگە پەقەت «نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟» دېگەن بىر تېگى يوق سوئالنى، فەيسبۇكتىكى «سۆيۈملۈك يالې، مەن بۇ جايغا ئامراق، مەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا، ۋاقىت ئاجرىتىپ خىزمەت ئىزدەشكە، يېڭى دورىلارنىڭ كەشپ قىلىنىپ كېسىلىمگە داۋا تېپىلىشىنى كۈتۈشكە مۇھتاج، لېكىن يالې مېنىڭ ئېھتىياجىمنى قاندۇرالمىدى، مەن مەكتەپتىن بىرەر يىل ئايرىلىش ياكى مەڭگۈلۈك چېكىنىشنى قوبۇل قىلالمايمەن» دېگەن سۆزلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.