باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

بالىغا دورا ئىچكۈزۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-05-25 21:54:05

بالىلار دورا ئىچىشكە قېرىق كېلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا دورىنى مەجبۇرىي ئىچكۈزىدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«بالىغا دورىنى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يۈزىنى تۇتۇۋېلىپ دورا ئىچكۈزۈش ئەڭ خەتەرلىك، چۈنكى چۈنكى بۇنداق چاغدا نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قۇلىقىنى تارتىپ تۇرۇپ دورا ئىچكۈزىدۇ، ئەمما بۇ ئۇسۇل بالىدا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، ئاڭلاش نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ». 

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار دورا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن، بالىلىرىنى ئارتۇقچە بەزلەيدۇ، بىراق بۇ ئۇسۇلمۇ بالىنىڭ نەپەس يولىغا دورا كىرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ؛ بالىغا دورىنى ئىشپىرىس بىلەن ئىچۈردىغان قارام ئاتا-ئانىلارمۇ بار، لېكىن بۇنداق قىلغاندا دورا ئاسانلا ئۆپكىگە كېتىدۇ؛ ئارىمىزدا بالىلىرىغا دورىنى شەربەت ياكى سۈتكە قوشۇپ ئىچكۈزۈشنى سىناپ باققان ئاتا-ئانىلارمۇ بار، بىراق بۇ ئۇسۇل دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يوققا چىقىرىدۇ، ھەتتا بەدەندە تاش پەيدا قىلىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېيىشتى:« بوۋاققا دورا ئىچكۈزگەندە يىڭنىسىز ئىشپىرىس ياكى مەخسۇس دورا ئىچكۈزۈش ئەسۋابى بىلەن سۈت ئىچكۈزگەن ھالەتتە بوۋاقنىڭ ئاغزىغا ياندىن بىر مىللىلىتىر ئەتراپىدا كىرگۈزۈپ، ھەر بىر يۇتۇم دورىنى يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە كىرگۈزۈپ بەرسە بولىدۇ؛ سەل چوڭراق بالىلارنى قۇچاقتا ياتقۇزۇپ، بېشىنى ئۈستىگىرەك قىلىپ قوشۇق بىلەن ئىچكۈزسە، دورا ئىچكۈزگەندە بىر قۇلى بىلەن بالىنىڭ مەڭزىنى بېسىپ بەرسە، بالا دورىنى ئاسان يۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ قورسىقى توق ۋاقىتتا دورا ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ، بولمىسا بالا دورىنى ياندۇرىۋېتىدۇ؛ ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بىر سائەت كېيىن، بوۋاقنى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ياكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىشنىڭ ئارىلىقىدا ئىچكۈزسە توغرا بولىدۇ».

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2