باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

بالىلارنىڭ چىشىنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى قىشلىق تەتىل

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:58:44

بالىلارنىڭ چىشىنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى قىشلىق تەتىل

/

  بالىلاردىكى چىش رەتلىك بولماسلىق، ئۈستۈنكى–ئاستىنقى چىش جۈپلەشمەسلىك، توڭكاي چىش ... قاتارلىقلار بالىلارنى ئۆز تەڭتۈشلىرى ئالدىدا كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىلاردىكى بەخت تۇيغۇسىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئاتا–ئانىلار چوقۇم پەرزەنتلىرىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ چىشىنىڭ ياش–ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى مىجەز–خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ياش– ئۆسمۈرلەرنىڭ چىشىنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى 11 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بالىلارنىڭ چىشىنى تۈزەش بۇ مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتسە، چىشىنى تۈزەش قىيىنلىشىپ كېتىدۇ، بالىلارنىڭ مۇشۇ يېشىدا چىشىنى تۈزەش ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، بۇ مەزگىلنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.  

بالىلارنىڭ مۇشۇ يېشىدا چىشىنى تۈزىگەندە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوڭشىۋالغىلى ھەم ئاز پۇل چىقىم قىلغىلى بولىدۇ، تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلنىپ بالىلارنىڭ چىشىنى تۈزىسە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، شۇڭا قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنىڭ چىشىنى تۈزەتسە، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2