تەرمىلەر (توردىن تەرجىمە قىلىندى)
جۇڭگولۇق ئەر- ئاياللاردا كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈن- تىنسىز قارشى تەرەپنى قوللاپ بەدەل تۆلەش دېگەنلەر كەمچىل ئەمەس، شۇڭلاشقا بىزنىڭ نىكاھىمىزدا بەكرەك تەكىتلىنىدىغىنى بىر- بىرىگە ھەمدەم بولۇش، جاپادىمۇ- ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش. خۇددى دەل مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بەشتە نەمۇنىلىك ئەر- ئايال، بەشتە ياخشى ئائىلە ئۈلگىسى يارىتالايدىغاندەكلا ھېس قىلىشىمىز. بىراق بىز كۆپىنچە ئىپادىلەشكە سەل قارايمىز، قىزىقىشنى ئىزدەشكە ماھىر ئەمەسمىز، تۇرمۇشنى خۇددى بىر ئىستاكان قۇرۇق قايناقسۇغا ئوخشىتىپ، بىر خىللا ئۆتىۋېرىمىز. نىكاھ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چەتئەللىك ئەر- ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇق ئەر- ئاياللار نىكاھىدا ئاسانلا كەمچىل بولىدىغان تۆۋەندىكى يەتتە خىل نەرسە بار ئىكەن، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىمۇ شۇنداقمىكەن؟
بىرىنچى، يېقىنلىق كەمچىل بولۇش
جۇڭگولۇق ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى تارتىنچاق كېلىدىغان بولۇپ، يېقىنچىلىقنى چاپلاشقاقلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدىكەن. بىراق تەجىرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، قۇچاقلاش، سۆيۈشۈش قاتارلىق يېقىنچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەر نىكاھنىڭ زۆرۈر بۇيۇمى ھېسابلىنىدىكەن. ياپونىيە ئايالىنى سۆيۈش جەمئىيىتىدىكىلەر ئايالىنى قۇچاقلاش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى ئايالىغا نەچچە قۇچاقلاشنى تەلەپ قىلغان، يەنى: ھەر كۈنى ئۆيىدىن چىققاندىكى ئادەتكە ئايلانغان قۇچاقلاشتىن باشقا، ماشىنا ساقلاۋاتقان، قىزىل يېشىل قاتناش چېراقلىرىنى ساقلاۋاتقان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاش، بېلىنى قۇچاقلاپ، چاپلىشىپ تۇرۇش قاتارلىق مۇھەببەتلىك قۇچاقلاش قاتارلىقلار.
ئىككىنچى، مۇھەببەتلىك پاراڭلار كەمچىل بولۇش
تەجىرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا كۈندە ئاز دېگەندە ئۈچ ئېغىز مۇھەببەتلىك پاراڭ قىلىش زۆرۈر ئىكەن، مەسلەن: سىنى سۆيىمەن، سېنى سېغىندىم قاتارلىق. ئامېرىكا ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە،يەنە تېخى سۆيگىنىنىڭ سول قۇلىقىغا تاتلىق گەپلەرنى قىلسا قارشى تەرەپنى تېخىمۇ بەكرەك تەسىرلەندۈرەلەيدىكەن.
ئۈچىنچى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ كەمچىل بولۇش.
يۇمۇر زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئازارنى يوقىتالايدۇ. يۇمۇر ئارقىلىق قارشى تەرەپكە نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ: ئايالىنى سۆيۈش، ئايالىنى بەزلەپ خوشال قىلىش، گۈزەللىكىنى تەرىپلەش. ئاياللار بۇنداق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا قەلبىدىكى قارا بۇلۇتلار يوقاپ، بىردەمدىلا ئېچىلىدۇ.
تۆتىنچى، قارشى تەرەپتىن زوقلىنىش تۇيغۇسى كەمچىل
جۇڭگولۇقلار بالىلىرىدىن زوقلىنىش ۋە بالىلىرىنى تەرىپلەشكە ماھىر كېلىدۇ، ئەمما قۇسۇر چىقىرىدىغان نەزىرىنى ھەمىشە جۆرىسىگە قارىتىدۇ. بىراق بۇنداق ئىش ئۇزاققا سوزۇلسا ھېسسىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، نىكاھنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. كىشلەر ھەمىشە ماختاشقا ئېرىشىشنى ئاززۇ قىلىدۇ، قانچە كۆپ ماختالغانسىرى شۇنچە رىغبەتلىنىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭلاشقا، جۆرىڭىزگە بولغان ماختاش سۆزلىرىنى ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەسلىكنى سىناپ بېقىڭە، كۆتۈلمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بەشىنچى، پىكىرلىشىش كەمچىل.
بەختلىك نىكاھنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا پىكىرلىشىشنى ئۆگىنىش ۋە زىددىيەتنى ھەل قىلىش. پىكىرلىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا، بىر تەرەپتىن تەرىپلەشنى تەنقىد قىلىشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دائىم، ھەمىشە، بەك، كۆپ قاتارلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدىغان سۈپەتلەش سۆزلىرىنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، پىكىرلىشىشتا چارچاپ كەتكەن، قورساق ئاچقان، ئاغرىپ قالغان ياكى خىزمەت ئېغىر بولغان بۇ تۆت مەزگىلنى تاللىماسلىق كېرەك، بولمىسا ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالتىنچى، بالىلىق ھېسيات كەمچىل.
ساددىلىق، ئاق- كۆڭۈللۈكنى كۆپرەك ساقلاپ قېلىش، قىزىقىش، ئارزۇلارغا ئىگە بولۇش نىكاھتىكى بەختلىك ھېس- تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. بالىلىق ھېسياتى بار كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ يەڭگىل، كۆڭلى تېخىمۇ خوشال بولىدۇ، تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى بايقاشقىمۇ ماھىر بولىدۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئەر- ئايال ئىككىيلەن بالىلارغا ئوخشاش دائىم ئۇيۇنلارنى ئويناپ، چاقچاقلىشىپ بەرسە، مەززىسى يوق، بىر خىللا ئۆتىدىغان تۇرمۇشنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى، رومانتىكلىق كەمچىل بولۇش.
رومانتىكلىق چوقۇم گۈل ۋە ئېسىل ھاراق، پۇل بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ شەكلى تولىمۇ كۆپ، ئاساسلىق مەزمۇنى:جۆرىسى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. مەسلەن، ئايالى كىنو كۆرۈشكە ئامراق بولسا، ئېرى چىداپ بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، كىنونى كۆرۈپ تۈگىتىشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكلىقتۇر؛ ئېرى سېمىنا ئىشلەپ قايتىپ كەلگىنىدە قايناق شوۋىگۈرۈچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ رومانتىكلىقتۇر.