باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

نىكاھ مۇناسىۋېتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچلار

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-07 13:25:06

\

ئىككى ياش يېڭى نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلىغاندا بېشنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىسمەن ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كېلىشەلمەي، نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچ بولىدۇ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپلا كەتسە، نىكاھى مۇستەھكەملىنىدۇ.

1. توي قىلغان تۇنجى يىلى. قىز -يىگىت تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنەلمەي بىئارام بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قىسمەن ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھ بۇزۇلىدۇ.

2. تويدىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى. قىز بىلەن يىگىت قايناق مۇھەببىتنىڭ كۈچىدە تويدىن كېيىنكى تۇنجى يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ئۇنداقتا يات جىنىسلارنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇھەببەتكە تەرەققىي قىلىپ تاكى بىر-بىرىدىن زېرىكىدىغان ۋاقتىنىڭ ئارانلا ئۈچ يىل بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىۋېلىشى كېرەك، يەنى ئەر-خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە يول قويۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بىر-بىرىگە بىھۇدە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرگەن نىكاھنىڭ مۇھەببەت پۇرىقى يوقاپ، ئىككى تەرەپنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

3. تويدىن كېيىنكى يەتتىنچى يىلى. ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى يەتتىنچى يىلىغا ئۇلاشقاندا، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، خىزمەت بېسىمى، ھېسسىياتنىڭ تەدرىجىي سۇسلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەر-خوتۇندا تاپتىن چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ مەزگىلدە نىكاھىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دەيدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋالغاندا ئۇنى كۈنبويى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا نىكاھ ساقلاپ قېلىنىدۇ. مۇشۇ باسقۇچنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2