نورمال كۆپۈيۈش ياش قورامىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە ئايدا بىر قېتىم تۇخۇم ئاجرىتىش بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىتىش ۋاقتى ئادەتتە كېلەر قېتىملىق ئادەت كېلىشتىن 2 ھەپتە ئىلگىرى بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئاياللاردىكى تۇخۇم ئاجرالماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ: 1. تۆۋەنىكى دۆڭچە مېڭە تىپلىق تۇخۇم ئاجرالماسلىق تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە بولسا جىنسىي بەز باشقۇرۇش ئوقىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدە ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا، ياكى ئىقتىدار خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا ئاياللاردىكى تۇخۇم ئاجرالماسلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. 2. مېڭە ئاستى بېزى خاراكتېرلىك تۇخۇم ئاجرالماسلىق مېڭە ئاستى بېزىدا ئۆسمە بولۇش، زەخىملىنىش، ياللۇغلىنىش، ئوپېراتسىيە قىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر 3. تۇخۇمدان خاراكتېرلىك تۇخۇم ئاجرالماسلىق تۇغما تۇخۇمدان غەيرىيلىكى، تۇخۇمدان بالدۇر زەئىپلىشىش ... ئاياللاردا تۇخۇم ئاجرالماسلىقنىڭ ئالامەتلىرى: ھەيز دەۋرى 21 كۈندىن قىسقا بولۇش ياكى جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش ۋە ياكى ھەيز ئاز بولۇش ، ھەيز كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى بولسا تۇخۇم ئاجرالماسلىق ئېھتىماللىقى بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرالماسلىق خاراكتېرلىك تۇغماسلىقنىڭ ئالامىتى: ھەيز مىقدارى، ۋاقتى، رەڭگى، ماددىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولۇش، يا بالدۇر كېلىش ياكى كېچىكىپ كېلىش يا بولمىسا ھەيز كەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرلۈپ، ئۇزاققىچە ھامىلىدار بولماسلىق. تۇخۇم ئاجرالماسلىقنى تەكشۈرۈش: 1. بەدەن ئاساسىي تېمپۇراتۇرسىنى ئۆلچەش - 基础体温BBT 2. جىنسىي يولدىكى تۆكۈلگەن ھۈجەيرىنى تەكشۈرۈش - 阴道脱落细胞 3. بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سويۇقلۇقنى تەكشۈرۈش - 宫颈粘液 4. قانلىق ھورموننى تەكشۈرۈش - 血性激素测定 5. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى تەكشۈرۈش- 子宫内膜检查 6. تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى تەكشۈرۈش - 超声卵泡监测 7. قورساق بوشلۇقى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش - 腹腔镜 تۇخۇم ئاجرالماسلىققا دىئاگنوز قويۇشتا، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇخۇم ئاجرالماسلىقنى داۋالاشتا، تۇخۇم ئاجرىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئومۇمەن، مۇشۇ خىل كېسەللىكتىن گۇمان قىلغۇچىلار جەزمەن چوڭراق، كەسپىي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، دوختۇرلارنىڭ سىستېمىلىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىكى دىئاگنوزى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، تېگىشلىك داۋالاشنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە دورا ئىستېمال قىلىشقا، قارا دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارغا قەتئىي كۆرۈنۈشكە بولمايدۇ مەنبە:ئىككى جىنىس تورىدىن ئېلىندى. |