شىنخۇا تورى خەۋىرى: قەدىمكى يۇنانلىق داڭلىق پەلسەپەشۇناس سوقرات ئۇنىڭ مىجەزى چۇس، توختىماي سۆزلەيدىغان ئايالىدىن نېرى تۇرۇش ئۈچۈن، ئافىنادىكى دەرەخ ئاستىدا پەلسەپە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ، ناپالىئون 3 مۇ قەدىرلىك خانىشىنىڭ توختىماي سۆزلەيدىغان ئادىتىدىن نېرى تۇرۇش ئۈچۈن، كۈندە كەچتە چىرايلىق، دائىم قاقشىمايدىغان باشقا بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىشقا مەجبۇر بولغان. مانا بۇنىڭدىن بىز نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ سەپەردە ئاياللارنىڭ قىسمەن نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىپ يېتىشىمىز قېيىن ئەمەس. نىكاھتا ئۇتۇق قازانغان ئاياللار مۇنداق قىلىدۇ. 1. جۆرىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ. 2. سۈكۈتتە تۇرۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا سۈكۈتتە تۇرىدۇ.3. ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ. 4. ئۆزىنى سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىنى توختىماي سوراپ يۈرمەيدۇ. 5. جۆرىسىنىڭ يۇمۇرىستىكلىقىغا سوغۇق سۇ چاچمايدۇ. 6. پىتنىخور ئاياللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. 7. سوقۇشۇپ قالغاندا ئەيىبلەشنى بەك ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ. 8. ئۆز-ئارا ئەيىبنى ئېچىپ قېلىشتىن ئامال بار ساقلىنىدۇ. 9. «ئاجرىشىمەن» دېگەن سۆزنى مەڭگۈ قىلمايدۇ. نىكاھىڭىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمەن دېسىڭىز تۇرمۇشتىكى ئاددىيغىنە ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ، بولۇپمۇ ئېغىزدىن چىققان سۆز سىزنى ھەر خىل ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.