ئاياللار ئۆز ھاياتىدا ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن تۇخۇمدىنىدىن نەچچە يۈز تال يېتىلگەن تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھامىلدار بولۇش پۇرسىتى بارغانسېرى ئازىيىدۇ. 30 ياشتىن كېيىن گەرچە ھامىلدار بولسىمۇ. بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلە غەيرىي تۇغۇلۇش، ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش بىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېشى بەك چوڭىيىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى، قان تومۇرلىرىنىڭ كېرىلىش كۈچى ۋە ئېلاستىكىلىقى 30 ياشتىن ئاۋۋالقى چاغلاردىكىدەك بولمايدۇ، قورساق دىۋارى مۇسكۇللىرى ۋە داس بوشلۇقى ئاستى مۇسكۇللىرى بىلەن بوغۇملار چۈرۈكلىشىپ ۋە بوشىشىپ، ئېلاستىكىلىقلىقى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. تۇغۇت جەريانى كۆپ ھاللاردا ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، قىيىن تۇغۇت ۋە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى ۋە خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ياش چوڭايغانسىرى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش شۇنچە ئاستا بولىدۇ. ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇتنىڭ پۈتكۈل سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ تۇغقان ياخشى.
«ھامىلدارلىق بىلىملىرى ۋە بوۋاقلار پەرۋىشى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.