20 ياشلىق قىزلار قىزىل ئەتىرگۈلگە ئوخشايدۇ، سىز بۇ ۋاقىتتا بىلگىنىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
30 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئۇزاق يىلدا پۈتكەن مۇكەممەل بىر رومانغا ئوخشايدۇ. بۇ ياشتىكى ئاياللار ھېچ نەرسىگە تېگىشكۈسىز مۇكەممەل كىشىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى قوغلىشىدىغان ئەرلەر تەبىئىيلا كۆپىيىدۇ. بۇ ياشتىكى ئاياللارنىڭ بىردىنبىر ئاجىزلىقى ھېسسىياتىدا ئاسانلا داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ.
40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار تۇرمۇشنى ئۇششاق ئىشلىرىغا كۆپرەك بەند بولىدۇ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۆيىنىڭ پاكىز-رەتلىك تۇرۇشى، ئېرىگە تېتىغۇدەك تاماق ئېتىپ بېرەلىشىدە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ.
50 ياشلىق ئاياللار ئەرلىرىدىن ئارىلىق ساقلىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ئەمما ئەرلىرىگە پات-پات كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
60 ياشتىن ئاياللار ئېسىلىققا ئىنتىلىدۇ، ئىنتايىن كەڭ قورساق كېلىدۇ.
70 ياش ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ پارلاق ۋاقىت،ئۇ ۋاقىتتا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە سىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئەتراپىڭىزدا بولىدۇ، تۇرمۇش سىزگە ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولغان مۇھەببەتنى ئېرىڭىز ھەمدە ئاشۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئاتا قىلىدۇ.
ئاياللار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ ئالدىدا بەك تارتىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەركىلەش، بىلمەس بولۇۋېلىش، مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ مۇستەقىل قارىشى، ئىدىيىسى يوق كىشى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇھەببەتكە كۆپىنچە ھاللاردا ئەقىل بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەگەر سىز چىرايلىق بولمىسىڭىزمۇ،چوقۇم ئەقىللىق بولۇشىڭىز كېرەك. ئەقىللىق ئاياللار گۈزەللىكىنى، قەدىر-قىممىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى