باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

خانىم-قىزلارنىڭ يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىك

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-24 23:55:46

خانىم-قىزلارنىڭ يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان 10 خىل يېمەكلىك

    ▲بانان، سۈت: ئاۋۋال بىر تال باناننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى پاكىزە يۇيۇۋەتسە تېرىنى سىلىق ھەم پاقىراق قىلىدۇ.    ▲تۇخۇم ئېقى: تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى پاقىراق قىلىدۇ ھەم يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ .    ▲زەرچىۋە پاراشوكى، سۈت: زەرچىۋە پاراشوكى بىلەن سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيگەن داغنى يوقىتىپ، يۈزدىكى سېرىق تۈكلەرنى ئازايتىدۇ.    ▲ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسى: ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى سۇغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېرىنى پاقىراق قىلىدۇ.    ▲بەرەڭگە پارچىسى: يۈزىدە سەپكۈن ۋە تاتۇق ئىزى بار خانىم-قىزلار خام بەرەڭگە پارچىسىنى يۈزگە چاپلاپ بەرسە، سەپكۈن بىلەن تاتۇق ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.    ▲تەرخەمەك شىرنىسى: تەرخەمەك شىرنىسى ئەڭ ئېسىل تېرە چىڭايتىش سۇيۇقلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يۈزگە تەكشى سۈرۈپ 15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.    ▲چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى: چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى تەبئىي ئاقارتقۇچى ئاگېنت بولۇپ، ئۇنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.    ▲ھەسەل: ھەسەلنىڭ تېرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش ھەم قورۇقلارنى ئازايتىش رولى بار.    ▲ماندارىن شەربىتى: ماندارىن شەربىتى مايلىق تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى بولۇپ، تېرىسى مايلىق خانىم-قىزلار ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە، تېرىدىكى ئارتۇق مايلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرلىشىنى كونتىرول قىلىدۇ.    ▲ مۇز پارچىسى: مۇز پارچىسى تەر تۈشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ ھەم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2