ئادەم ئازاپلانغاندا يىغلايدۇ. شۇڭا كىشىلەر يىغلاشنى بەدەنگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملارمۇ شۇنداق قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئازاپلانغاندا چىققان ياش بىلەن كۆزىگە قۇم كىرىپ كەتكەندىكى چىققان ياشنىڭ خىمىيىۋى تەركىۋى ئوخشىمايدىكەن ئازاپلانغاندا چىققان ياشنىڭ تەركىۋىدە ئازاپنى يەڭگىللىتىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇئازاپنىڭ بەدەنگە ئەكىلىدىغان زىينىنى يەڭگىلىتىدىكەن ئۇنداق بولمىغاندا ياش بۇرۇن ئارقىلىق ئاشقازانغا بىرىپ ياش تەركىۋىدىكى زىيانلىق ماددىلار نەپەس يولى كىسلى ئاشقازان ياللىۇغى يۇرەك كىسلى ياكى قان ئايلىنىش سىستىمىسىن كىسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىكەن، يىغلىغاندا بىسىمدىن پەيدا بولىدىغان زىيانلىق ماددىلارنى ياش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىپ ،كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا ياشنىڭ كۆز ئالمىسىنى نەمدەش، كۆزدىكى مىكروپلانى ئۆلتۇرۇش رولى بار ئىكەن .