ئەي يىگىت، سەن چوقۇم خوتۇن ئېلىشىڭ كېرەك. خوتۇن ئېلىشىتا كۆزۈڭىنى يۈگۈرتۈپ، ئەڭ سەر خىلىنى تاپىقىن. ئالدىنىقى شەرت تېگى _زاتى پاك، ياخشى، ئۇياتلىق، تەقۋادار، پاكىز بولىسۇن. باشىقىلارنىڭ قولى تەگىمىگەن، سەندىن باشقا ئەر يۈزىنى كۆرمىگەن، ئوبدان ئائىلىنىڭ قىزىنى ئال، بۇنداق خوتۇن سېنىلا سۆيىدۇ، باشىقىلارنى بىلمەيدۇ، ناشايان ئىشلارنى قىلىمايدۇ. يەنە بىرى، خوتۇنىڭىنىڭ ئائىلىۋى ئورنى سېنىڭكىدىن تۆۋەنرەك بولىسۇن، ھەرگىز ئېگىز ئوقۇرغا ئېسلىما، بولمسا خوتۇنىڭىنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالسەن. تۇرمۇشقا پىشقان، تەجرىبىلىك كىشىلەر شۇڭا. خوتۇننىڭ ئۆزۈڭدىن تۆۋىنىنى خۇلۇق_مىجەزى دورىسىىنى ئالساڭ كۈنلىرىڭ بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ دېگەن. شۇڭا خوتۇن تاللىغاندا ھۆسۈن _جامالىنى قوغلاشماي، پەزىلەتلىك قىزنى ئىزدە. خوتۇنۇڭ ئېسىل پەزىلەتلىك بولسا سېنى روناق تاپقۇزىدۇ. مەرت بولساڭ ئۆزۈڭگە مۇناسىپ خوتۇننى، تەقۋادارنى ئال، پەزىلەىلىتى ياخشى، تەقۋادار بولسا ھەممە تەرەپتىن توشقان ھېسابلىنىدۇ. ھۆسىن _جامال قوغلىشىپ خوتۇن ئېلىپ، قىزىل مەڭزىڭ زەپىرەڭدەك سارغايمىسۇن. كىم خوتۇن ئالماقچى بولسا مۇنۇ تۆت خىل ئايالنىڭ بىرىگە قىزىقىدۇ. بەزىلەر باي ئايالغا ئۆيلىنىشىكە قىزىقىدۇ، بەزىلەر گۈزەل خوتۇننى قوغلىشىدۇ، بەزىلەر ئۇلۇغلۇق نامى بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن ئېسىل نەپەسلىك ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدۇ، بەزىلەر تەقۋادار، پەزىلەتلىك ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدۇ. بەزىلەر تەقۋادار پەزىلەتلىك ئاياللار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغشىلايدۇ. خوتۇن ئالماقچى بولغان يىگىتىلەرگە مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى، باي خوتۇنغا ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىت ئاگاھ بولۇشى لازىمىكى، خوتۇننىڭ قۇلى بولۇپ قالىمىغايسەن، ئۇ ئاتا _ئانىسىىىنىڭ بايلىقىغا تەمەننا قويۇپ ساڭا تىلىنى ئۇزارتىدۇ، ئۇنىڭ تەلىپى بەك يۇقىرى بولىدۇ. ھۆددىسىدىن چىقىمىقىڭ تەس. ھەي، ئاياللارنىڭ ھۆسىن -جامالىغا ھەۋەسىمەن يىگىت، بەك گۈزەل خوتۇننى قوغلاشما، ئۇ سېنى كىشىلەرنىڭ مەسخرە كۈلكىسىگە قويىمسۇن. چىرايلىق ئايالغا ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پەزىلىتىلا قوغداپ قالىمىسا، سەن قوغداپ بولالمايسەن. ئەي ئېسىل نەسەپ، ئالىي ئۇرۇقىنى ئىزدىگۈچى ئوغۇل، ئۇلارنىڭ ئارىسدا ئۆزۈڭنى خار قىلىما، ئۇلارنىڭ نەسەبىنى دەستەك قىلىپ تىىلىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قۇل ئورنىدا بولۇپ قالما. ئەي نازۇك، تەقۋادار، پەزىلەتلىك ئايالغا كۆڭۈل باغلىغان ئوغۇل، ئۇنداق خوتۇنغا ئېرىشسەڭ يۇقىرىقى تۆت نەرسىگە تولۇق ئېرىشىكەن بولسىەن. ئەگەر ئۇنداق خوتۇنغا ئۇچراپ قالساڭ ھەرگىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويما. باي بولاي دېسەڭمۇ ئۇنداق خوتۇن بىر بايلىق. ئۇ سېنى بېيىتىپ مەڭزىڭىنى قىزىل قىلىدۇ. پەزىلىتى ياخشى بولسلا بولدى دېگەن شۇ. ئاياللارغا نسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە گۈزەل ئەخلاق _پەزىلەتتۇر، بىلىملىك كىشىلەرلا بۇنى ھېس قىلالايدۇ. پەزىلەتلىك خوتۇنغا ئۇچرىشالساڭ ھەممە شەرتىڭ ھازىرلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى _يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! مەنبە.يىگىتلەر ۋە مۇھەببەت ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! |