باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! چۈشلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يەكشەنبە
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

خوتۇن ئۇرۇش ھەققىدە

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-06-07 13:19:35

خوتۇن ئۇرۇش ھەققىدە

 

يېڭى نەشردىن چىققان «ئاياللارنى چۈشىنەمسىز» ناملىق كىتابتىن ئارىيە\\

/

 

ئۇيغۇرلاردا خوتۇن ئۇرۇش باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئېغىر، بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ياكى توي قىلىپ ئۇزاق بولمىغان ياش ئائىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. بەزىلەر تېخى قىزىقچىلىق قىلىپ، خوتۇن ئۇرۇشنى يۇرتلار بويىچە ئايرىپ يېزىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. تۆۋەندىكىسى ھەر قايسى يۇرتلاردىكى ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىنى ئۇرۇش ۋاقتى ئىكەن:

# ئاقسۇلۇق خوتۇن كاۋىدا سەي قورىغان كۈنى، ئېرى «كاۋىنى زايا قىلىپسەن» دەپ ئۇرىدۇ؛

# قەشقەرلىك خوتۇن تاماققا گۆشنى ئاز سېلىپ قالغان كۈنى، ئېرى «گۆشنىڭ قالغىنى قېنى؟» دەپ ئۇرىدۇ؛

# ئاتۇشلۇق خوتۇن تىلەمچىگە ناننىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ سالغان كۈنى، ئېرى «ئاران تاپقان پۇلنى بۇزۇپ چاچتىڭ» دەپ ئۇرىدۇ؛

# خوتەنلىك ئەر «بىر» دېگەندە خوتۇنى «ئىككى» دەپ سالغان كۈنى، خوتۇنى تايىغىنى يەيدۇ؛

# يەركەنتلىك خوتۇن تاماقنى ئاچچىق قىلىپ قويغان كۈنى، ئېرى «نېمىشقا يەكەن لازىسى ئىشلەتمىدىڭ!؟» دەپ خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؛

# كورلىلىق خوتۇن گىرىمنى قېنىق قىلىۋالغان كۈنى، ئېرى «كرورەن گۈزىلى بولماقچىمۇسەن» دەپ ئۇرىدۇ؛

# غۇلجىلىق ئەر ھاراق ئىچىۋالغان كۈنى، «مېنى سورۇندا ئولتۇرغىلى قويمىدىڭ» دەپ خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؛

# قۇمۇللۇق خوتۇن داۋخولۇق قىلغان كۈنى، ئېرى «ئۆزلەدىن كەلسۇن» دەپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ؛

# تۇرپانلىق ئەر ئاچچىقلاپ قالغان كۈنى خوتۇنى كۈلۈپ سالسا، «ما پوقۋاشنىڭ ھىجايغىنىنى!» دەپ ئۇرىدۇ؛

# توقسۇنلۇق ئەر بوران چىقمىغان كۈنى، ئىچى پۇشۇپ قىلىپ خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؛

# ئۈرۈمچىلىك ئەرگە ئىدارىسىدىن مۇئاش چىققان كۈنى، خوتۇنى «پۇلنىڭ قالغىنى قېنى؟» دەپ ئېرىنى ئۇرىدۇ.

 

يۇقارقىسى ئەلۋەتتە ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن قوراشتۇرۇپ چىقىرىلغان يۇمۇر تۈسلۈك بىر پاراڭ. ئەمەلىيەتتە خوتۇن ئۇرۇشنىڭ باھانىلىرى تۈرلۈك تۈمەن بولىدۇ. لېكىن تاياق يېگەن ئاشۇ بىچارە ئاياللار ئېغىزى سەۋەبلىك تاياق يەۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلشمايدۇ. كونىلار «ئايال ئېغىزغا زورلار، ئەر قولىغا» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئاياللارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ئۈستۈن بولغاچقا، كۆپىنچە ئەرلەر گەپتە ئايالغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەر- ئايال گەپ تالىشىپ قالغاندا، پىلمۇتتەك سۆزلەيدىغان ئاياللارغا ئەرلەر گەپ تېپىپ بېرىپ بولالماي، ئاخىرى چىدىماي قولىغا زورلاپ، ئايالىنى ئۇرۇپ سالىدۇ. يەنە بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ نورمال ئىش – ھەرىكەتلىرىنىمۇ باھانە قىلىپ ئۇرىدۇ. خوتۇننىڭ تاياق يېيىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەر- ئايال ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ. ئەمما بىز بۇ بابتا خوتۇن ئۇرۇش دۇرۇسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەرلەر خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ خوتۇن ئۇرۇشنىڭ باش- ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

 /

ئۇيغۇرلار «خوتۇن خەقنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇرۇپ تۇرۇش پەرز» دەپ قويىشىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە دەستەك قىلىۋالغان بىلەن، خوتۇن ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق بىر دىننى ئاساسى يوق، ھەتتا ئىلمىي ئاساسىمۇ يوق.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ، «خوتۇننى ئۇرۇش پەرز ياكى توغرا» دەيدىغان بىرەر مەزمۇننى تاپالمىدۇق. خوتۇن ئۇرۇش تىلغا ئېلىنغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:

... سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ). – سۈرە نىسا 34-ئايەتنىڭ بىر بۆلىكى

ئايەت مەزمۇنىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، سەركەشلىك قىلماقچى بولغان ئاياللارغا ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىدىكەنمىز، نەسىھەتكە كۆنمىسە، مەلۇم سوغۇق مۇناسىۋەت قوللىنىدىكەنمىز، ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئايالنى زەخىملەندۈرمەيدىغان ھالەتتە يەڭگىل ئۇرىدىكەنمىز، بۇ ھەرگىز جازالاش بولماي، پەقەت ئەدەپلەش يۈزىسىدىن بولىدىكەن. لېكىن ئىتائەت قىلغان ھامان، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىكەنمىز. ئاللاھتائالا ئۆز كالامىدە يەنە بىزنى ئاياللارغا زۇلۇم سېلىشتىش ئاگاھلاندۇرۇش بەدى.

دېمەك، ئاياللارنى يوقىلاڭ باھانىلەردە ئۇرۇش دىندا چەكلەنگەن. ھەدىس شەرىفتە يەنە «ئاياللارنىڭ يۈزىگە ئۇرماڭلار» دېيىلگەن. ئايال زاتى ئۆزىنىڭ ھۆسنى- جامالى ئارقىلىق ئەرگە تېگەلەيدۇ. ھۆسنى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئايالنى ئاسانلىقچە بىرەر ئەر ئالاي دېمەيدۇ. ئايالنىڭ يۈزىگە ئۇرۇپ ئۇنى كۆرۈمسىز قىلىپ قويۇپ، كېيىن تالاق قىلىۋەتسە، ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر ئەرگە تېگىشى تەسكە توختايدۇ. بۇ پەقەت بىر ئايالنىڭ ھۆسنى جامالىنىلا بۇزغانلىق بولماي، يەنە شۇ ئايالنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى نابۇت قىلغانلىق، ئىللىق ئائىلىگە ئېرىشىش ۋە ئانا بولۇش سالاھىيىتىنى يوققا چىقارغانلىققا باراۋەر بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ بىر ئۆمۈر خوتۇنسىز ئۆتۈشى تەس بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ بىر ئۆمۈر ئەرسىز ئۆتۈشى تەسكە توختايدۇ. دۆلىتىمىز قانۇنىدىمۇ ئۇرۇپ يارىدار قىلغانغا قارىغاندا، ئۇرۇپ ھۆسىنى- جامالىنى بۇزىۋېتىش، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھۆسنى- جامالىنى نابۇت قىلىشنىڭ تۆلىمى ۋە جىنايى جاۋابكارلىقى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قانۇنمۇ نۇرغۇن ئىلمىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىققان.

ئىسلام دىنى ھەتتا ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغان ئاياللارنىمۇ ئۇرماسلىققا ئۈندەپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (تالاق قىلىنغان ئاياللار)نىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار»- سۈرە تالاق 2- ئايەتنىڭ بىر بۆلىكى

خوتۇننى ئۇرۇشنىڭ دىننىي ياكى ئىلمىي ئاساسىي يوق ئەھۋال ئاستىدا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەر يەنىلا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ؟ بۇنى بەلكىم ئەر- ئاياللارنىڭ مىجەز- خۇلىقى ۋە پىسخىكىسىدىن چۈشۈنۈش مۇمكىن.

ياش يىگىتلەر قېنى قىزىق، تۇرمۇشتا تەجرىبىسىز، ئۆزىنى بېسىۋالالمايدىغان كېلىدۇ. قىزلارمۇ نادان، تۇرمۇشتا تەجرىبىسىز، ئاغزى ئىتتىك كېلىدۇ. يېڭى توي قىلغان قىز- يىگىتلەر بۇنداق ئەھۋالدا، ئانچە- مۇنچە ئۇششاق جىدەللەرنى قىلىشماي قالمايدۇ. ئايال نادانلىقتىن ئېغىزغا زورلايدۇ، ئەر قېنى قىزىقلىقتىن قولىغا زورلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئېرى خوتۇنىنى ئۇرۇپ قويىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئايالغا ئەقىل كىرىپ، ئورۇنسىز گەپلەرنى دېمەيدىغان بولىدۇ. ئەرگىمۇ ئەقىل كىرىپ، ئايالىنىڭ ئانچىكە گەپلىرىگە چېچىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئارىلىقتا بىر- ئىككى بالىلىق بولۇپ، ئۇلارمۇ بالىنىڭ ئالدىدا ئۆز ھۆرمىتىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. بۇ چاغدا ئەر- خوتۇننىڭ ئائىلە ئۇلى مۇستەھكەملىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولىدۇ.

ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، ئەرلەر تۇرمۇشتا تەجرىبىلىك بولۇپ، بىر ئىشلارغا ئاسان چېچىلمايدىغان، ئانچىكە زىيانلارغا بەك ۋايساپ كەتمەيدىغان، كۆڭلى كۆكسى كەڭ، ئەپۇچان بولۇپ قالىدۇ؛ لېكىن تۇرمۇشتا تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان ئايال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، كىچىك ئىشلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان، ئاسان زىيانغا دەسسىمەيدىغان، سۆزلەپ ئېرىنى «قايىل» قىلالايدىغان، تولا كوتۇڭشىغان بىلەن، ئىشلارنى جايى- جايغا كەلتۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ توي- تۆكۈنلىرىنىمۇ ئېرىگە مەسلىھەت سالىدۇ، لېكىن يەنىلا ئايالنىڭ ئارزۇسىدەك بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەرنىڭ ئائىلىدىكى سىموۋللۇق ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىغىنى بىلەن، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش ھوقۇقى ئايالنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. بۇ خۇددى ھازىرقى ياپونىيە ياكى ئەنگلىيەدەك، گەرچە دۆلەتتە پادىشاھ بار تۇرۇقلۇقمۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى باش ۋەزىر ئۈستىگە ئېلىپ قىلۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەتكە ئوخشاپ قالىدۇ. ياش ۋاقتىدا خوتۇن ئۇرىدىغان يىگىت، ئەمدىلەتىن بولسا «خوتۇندىن قورقىدۇ» دېگەن سۆزگە يېقىنلاپ قالىدۇ.

كۆپىنچە ئۇيغۇر ئەر- ئاياللىرىنىڭ 20- 30 يىللىق ئائىلە ھاياتى يۇقارقىدەك نەتىجىلىنىدۇ.

 

گەپنى ئايالنىڭ مىجەز- خاراكتېرىگە يۆتكەپ كەلسەك، ئاياللار يوۋاش ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، كۈندە خوتۇن ئۇرىدىغان زالىم ئەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاياللار ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرالايدىغان ئەرلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاياللاردىن «قانداق ئەرنى ياخشى كۆرىسىز؟» دەپ سورالسا، ئاياللار «قەھرىمۇ بار، زەھرىمۇ بار ئەرلەرنى» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئۇنداق جاۋاب بەرمىگەن تەغدىردىمۇ، كۆپىنچە ئاياللار يەنىلا مۇشۇ جاۋابنى تەستىقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندا، ئانچە- مۇنچە سۈرى بولۇشى كېرەك. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يۇۋاش- يۇمىشاق بولۇپ كەتسە، ئائىلە بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

ئايالنى باشقۇرۇش دېگەنلىك «ئۇنى ئۇرۇش»تىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاياللارنى ئۇرمايمۇ باشقۇرغىلى بولىدۇ. ماختاش، كۆڭلىنى ئېلىش، چىرايلىق نەسىھەت قىلىش ۋە ئانچە- مۇنچە ھەيۋە كۆرسىتىش ئارقىلىقمۇ باشقۇرغىلى بولىدۇ. خوتۇن گەپكە كىرمەي زاكونلاشقاندا، بىرەر چىنە- قاچىنى يەرگە ئېتىش، قاتتىقراق ۋارقىراش ياكى نوكىلاپ سىلكەش ئارقىلىقمۇ، بەزى مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ. خوتۇننى ئۇرۇش پەقەت ئەڭ ئاخىرقى چارە، ئەڭ ئاخىرقى چارىنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئىشلەتكىلى تۇرساق، ئاخىرىغا ئىشلەتكۈدەك چارە چىقماي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوتۇننى ئۇرۇپ يارىدار قىلىپ قويمىغان تەغدىردىمۇ، تاياقنى يېمىگۈچە ئەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان «بېزەڭ» خوتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز.

شۇڭا، خوتۇن خەقنى ئۇرماي، چىرايلىق گەپ، چىرايلىق نەسىھەتلەر بىلەن ئۆزىمىزگە ئىتائەت قىلدۇرايلى!

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىسكەندەر جېلىل ۋە ئۇنىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل مەممەت قەلىمىدىكى يېڭى نەشردىن چىققان «ئاياللارنى چۈشىنەمسىز» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. بۇ كىتاپ ئەر- ئاياللارنىڭ پىسخىكىسى ۋە جىنسىيەت ھەققىدە مەخسۇس يېزىلغان بولۇپ، ئاددى ھېكايىلەر، قىزىقارلىق يۇمۇرلار ۋە ماقال- تەمسىلەر ئارقىلىق ئەر ۋە ئايالنىڭ پىسخىكىسىنى، شۇنداقلا ئۆي تۇتۇش سەنئىتىنى ئىنتايىن ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.  

 

/

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. كۆرۈپ بېقىڭ، سىز ئىزدىنۋىاتقان مەزمۇنلار بارمىكىن!

 

/

 

 

/

 

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2