1.ئۆزىنى دائىم ئاچ قويۇش. بەزىلەر بىر ۋاق تويۇنۇپ غىزالانغاندىن كېيىن يەنە بىر غىزانى يىمەيدۇ. لېكىن بۇ سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى بىر ۋاق تويۇنۇپ تاماق يېگەندىن كېيىن يەنە بىر ۋاق تاماقنى يېمىگەندە بەدەندە ئۆزلىكىدىن يېمەكلىك ساقلاش ئادىتى شەكىللىنىپ، سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2.ناشتا قىلماسلىق. ناشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ مېتابولزىمنىڭ ياردەمچى قورالى. ناشتىدىن كېيىنكى سەككىز سائەت ئىچىدە بەدەندىكى ماي تېز خورايدۇ. ئەگەر ناشتا قىلمىغاندا، كۈندۈلىك مېتابولىزم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.
3.غىزامنى تېز يېيىش. قورساقنىڭ تويغانلىقىنى ئاشقازان ئەمەس، بەلكى چوڭ مېڭە بىزگە يەتكۈزىدۇ. لېكىن چوڭ مىڭە بىلەن بەدەن ئارىسىدىكى ئالاقە 20 مىنۇت كېچىكىدۇ. ئەمەلىيەتتە غىزالىنىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن تويغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ناۋادا غىزانى تېز يىسەك جىق يەۋالىمىز.
4.سۇ يېتىشمەسلىك. بەدەندىكى مېتابولىزم سۇغا مۇھتاج، ناۋادا يېتەرلىك سۇ ئىچمىگەندىمۇ ئوخشاشلا سەمرىپ كېتىدۇ. ئادەتتىكى ەھۋالدا كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئېچىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاش سىزنىڭ قانچىلىك ئاز يېيىشىڭىزدە ئەمەس، بەلكى غىزالىنىش ئادىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
5.ھەددىدىن زىيادە غىزالىنىش. بەزىلەر دائىم ھەددىدىن زىيادە غىزالىنىۋالىدۇ. لېكىن قانچە كۆپ يېگەندە، ھەزىم قىلىش شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەمما ھەزىم قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر چەكلىك بولۇپ، بەزى يېمەكلىكلەر ياغ شەكلىدە بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ.
6.شېكەر. شېكەر مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر قان شېكىرىنى كۆپەيتىپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئىنسۇلىن بەدەندىكى مېتابولىزمغا ئەكس تەسىر بېرىدۇ. بۇنداق ئەكس تەسىر نۇرغۇنلىغان ياغلارنىڭ بەدەندە ساقلىنىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.