باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-30 21:33:22

 
\
 

بەل ئاغرىش -كىلىنكىدا ناھايىتى ئاسان پەيدا بولىدىغان بەل ساھەسىنىڭ ئاغرىش ھادىسىسى بولۇپ كونكىرت ئالامىتى بولسا بەلنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلا تەرىپىنىڭ ئاغرىشىدۇر . جۇڭيى تىبابەتچىلىك نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ بولسا ھۆل سوغۇق ، ھۆل ئىسسىق تۇتۇۋېلىش ، تۇغما ئاجىزلىق ياكى بۆرەك زەئىپلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش زادى قانداق كېسەللىك ؟ بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەپلەردىن بولىدۇ .

1. بۆرەك زەئىپلىكى ۋە بۆرەك سىلى .بۆرەك زەئىپلىكى ۋە بۆرەك سىل كېسەللكىنىڭ ئالامىتى بەل ئاغرىشتىن باشقا يەنە بالدۇر قېرىش ، ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسىزلىق ، سۆڭەك بوغۇملىرى ئاغرىش ، بەل پۇت تېلىپ ئاغرىش ، ھارغىنلىق ، كۈچسىزلىنىش قاتارلىقلار . بۆرەك زەئىپلىكىنىڭسۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئىپادىسى سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك توختاپ قېلىش ، كىچىك تەرەت چىقىشى ئۇزىراش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۆرەك سىلىداقانلىق سىيگۈچىلەر 90%نى ئىگىلەيدۇ . ئالاھىدىلىكى سۈيدۈك قىستاش ، سۈيدۈك قېتىمى كۆپ بولۇش ، قانلىق سىيىش ، بەل ئاغرىقى تەدرىجى كۈچىيدۇ . بۆرەك كىچىك شارچىلىرى ياللۇغىدا قان سىيىش ، سۈيدۈك ئازىيىش ، ئاقسىللىقسىيىش ، ئىششىش ، يوقىرى قان بېسىم ۋە كېسەل بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن بادامسىمان بەز ياللۇغى كۆرۈلىدۇ .

2. سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى . جىددى ۋە ئاستا خاراكتىرىلىك بۆرەك جامى ياللۇغى سەۋەپلىك بەل ئاغرىغۇچىلار كۆپ ئۇچرايدۇ . ئالامىتى بولسا بەل تېلىپ ئاغرىيدۇ . سۈيدۈك سېستىمىسى يۇقۇملانغاندىن سىرت سۈيدۈك سېستىمىسىدا تاش پەيدا بولۇش ، سىل كېسىلى قاتارلىقلارمۇ بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . سۈيدۈك سېستىمىسىدا تاش چۈشۈشنىڭ ئالامىتى قان سىيىش ،قىسمەنلىرىدە بۆرەك سانجىلىپ ئاغرىش ، سىيگەندە ئۈزۈلۈپ قېلىش ، بەل ئاغرىش قاتارلىقلار . بۆرەك جامى ياللۇغىدا بولسا قان سىيىش ، قىسمەن چاغلاردا سىيگەندە ئاغرىش ، سۈيدۈكتە قان كۆرۈلۈش ، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش ، بەل ئاغرىش ، قىزىش قاتارلىقلار . بۆرەك ھەم سۈيدۈك يولى يارىسىبولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدەبەل ۋە قورساق ساھەسىنىڭ سىرتقى زەربىلەردىن يارىلىنىش تارىخى بولىدۇ .

3. بەل مۇسكۇللىرى كېسەللنىشى . ئەرلەرنىڭ بېلى ئاغرىشى يەنە بەل مۇسكۇللىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېسەللىنىشىدىنمۇچىقىدۇ . تولا ئۆرە تۇرۇش سەۋەبىدىن بەل مۇسكۇل پەي-تارامۇشلىرىنىڭ كېڭىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قىسمى ئورۇنلاردا كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتاسى يىغىلىپ بەل مۇسكۇللىرىنىڭ نورمال ماددا ئايلىنىش خىزمىتىنى تورمۇزلاپ بەل مۇسكۇللىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېسەللىنىشىدىن بولغان بەل ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئادەتتە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتەرگۈچىلەردە بەل قىسمىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ ئومۇرتقا يانغا ئىگىلىشىدىن بەل مۇسكۇلى كېسەللىنىپمۇ بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

4. جىنسى مۇناسىۋەت لايىقىدا بولماسلىق . جىنسى تۇرمۇشنى مۇكەممەل تاماملىيالماسلىق نېرۋا خاراكتىرىلىك بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . جىنسى مۇناسىۋەتنى تۇيۇقسىز ئۈزۈۋېتىش فىزىئولوگىيىلىك بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . جىنسى مۇناسىۋەتنى كەينى كەينىدىن ، ئۇزاق قىلىشمۇ زورۇقۇش خاراكتىرىلىك بەل ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭلاچقا ئەر-ئايال مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغاندا جىمادىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى يېقىنچىلىق قىلىپ ،سىلىشىشكە كۈچەش كېرەك . جىمانى چوقۇم بەدەننىڭ قۇۋۋەت ساپاسىغا بېقىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.

5. مەزى بېزى ياللۇغى .ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش يەنە مەلۇم كېسەللەر سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ . كىشىلەر جىق ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدىغىنى بولسا مەزى بېزى ياللۇغى كېسىلىدۇر . مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ ئاغرىقى پەقەت سۈيدۈك يولى ۋە چات ئارىلىقىدىلا بوپ قالماستىن بەلكى يەنە تۆت ئەتراپقا قاراپ تارايدۇ . بەل ئاغرىش بولسا بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ھېساپلىنىدۇ . بىراق مەزى بېزى ياللۇغى پەيدا قىلغان بەل ئاغرىقى تۆۋەنكى بەل قىسمىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ بەل مۇسكۇل كېسەللىنىش ۋە مۇسكۇل سېرىق ئېتى ياللۇغى بىلەن پەرقلىنىدۇ . كېيىنكىسىنىڭ ئاغرىقى مەزى بېزى ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنىڭ ئورنىدىن يوقىرى بولىدۇ .

6. بۆرەككە سۇ چۈشۈش . بۆرەككە سۇ چۈشۈش مۇستەقىل بىر كېسەل بولماستىن بەلكى سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىگە تاش چۈشۈش ، ئۆسمە ، تۇغما كېسەللىنىش قاتارلىق ھەر خىل سەۋەپتىن سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ سۈيدۈكنىڭ دوۋساققا راۋان بارالماسلىقتىن كېلىپ چىققان بۆرەكنىڭ پاتىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىدۇر . بۆرەككە سۇ چۈشۈش كىشىلەرگە نىسپەتەن ناتونۇش بولسا كېرەك لېكىن كىلىنكىدا ئاز كۆرۈلمەيدۇ . بۆرەككە سۇ چۈشۈش مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا ئېغىر بولغاندا بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنى پەيدا قىلىدۇھەتتا بۆرەكنى ئېلىۋېتىشكە مەججۇر قىلدۇرىدۇ .

ئەگەر ئۆزىنىڭ بەل ساھەسىنىڭ ئېچىشىش ، تېلىپ ئاغرىش بولۇپمۇ بىر تەرەپنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى سەزگەندە ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك . بۇ بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكنىڭ ئالدىن بېشارەتلىرى بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر سوغۇق ئۆتۈش ياكى زىيادە ھارغانلىقتىن بولغان بەل ئاغرىش بولسا بەلنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى بىئارام بولىدۇ . بىر تەرىپىلا ئاغرىمايدۇ .

ئەگەر ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە مەسىلەن قىزغۇچ ، قارامتۇل، جىياڭيۇ رەڭگى قاتارلىق ھالەتلەر كۆرۈلسە سۈيدۈك توشۇش نەيچىسىگە تاش چۈشۈش ، ئۆسمەلەرنىڭ قانىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن . بۇ ۋاقىتتا بۆرەكتە تاش چۈشۈش مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن .

7. دورىلار تەسىرىدىن بەل ئاغرىش . بەزى دورىلار بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ . ئىچكەندىن كېيىن قانلىق سىيىش ۋە بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن . 庆大霉素、四环素、磺胺类药物、卡那霉素قاتارلىقلار .

8. بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكى .بەل ئومۇرتقۇسى كېسەللىكىمۇ بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەل ئومۇرتقا نېرۋىلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش كېسىلىمۇ كۆپىيىدۇ . بۇمۇ بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ .

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2