يېرىم ساندىن كۆپرەك ئەرلەر قېيىنئانىسىنى ئايالىدىن چىرايلىق دەپ قارايدىكەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ 1500 نەپەر كىشىنى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېرىمدىن كۆپ ساندىكى توي قىلىپ بولغان ئەرلەر ئۆز قېيىنئاپىلىرىنىڭ تېخىمۇ جەلبكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان، ئالتىدىن بىر قىسىم ئەرلەر قېيىنئانىسىنى ئۆز ئايالىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، يەنە تۆتتىن بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قېيىنئاپىسىغا يوشۇرۇن ئاشىق بولۇپ قېلىشقان.
بۇ تەكشۈرۈشتە 10 دىن سەككىز قىسىم ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىقرار قىلغان، ئۈچتىن ئىككى قىسىم توي قىلىپ بولغان ئەرلەر مۇنداق دېيىشكەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى قېرىغاندا خۇددى قېيىنئانىسىغا ئوخشاش بولالىسا ئۇلار ئۆزلىرىنى چوقۇم بەكمۇ خوشال ھېس قىلاتتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە %31 زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ قېيىنئانىلىرى ئوغرىلىقچە ئۇلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. تۆتتىن بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنداق ئىقرار قىلغان، ئۇلار قېيىنئانىلىرىغا ئىشقىنى ئىزھار قىلىپ بېقىشقان؛ يەنە سەككىزدىن بىر قىسىم ئەرلەر ئۆز قېيىنئانىلىرىنىڭ ئۆز خوتۇنىغا قارىغاندا تېخىمۇ لاتاپەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان.
تاشقى كۆرۈنۈشتىن باشقا، قېيىنئانىسىنىڭ مىجەز خاراكتىرىمۇ نۇرغۇن كۈيئوغۇللارغا ياخشى تەسىر بەرگەن. ئۈچتىن بىر قىسىم ئەرلەر مۇنداق دېيىشكەن، ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى دەل قېيىنئانىسىدىن كەلگەن، تۆتتىن بىر قىسىم ئەرلەر بولسا ئۆزىنىڭ ۋە قېيىنئانىسىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان.
«بۇ تەكشۈرۈش ياشانغان ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تاشقى كۆرىنىشلا ئەمەس، يەنە پۈتكۈل لاتاپەت ۋە مىجەز خاراكتىرىمۇ بار» پىسخىلوگ لىندا شۇنداق باھا بەردى، بۇ «ئىنتايىن قىزىقارلىق، چۈنكى ئاۋام مەدەنىيىتى ھەمىشە ياشلارغا يۈزلىنىدۇ، يېشى سەل چوڭراق كىشىلەرنىڭ قىممىتىگە ھەمىشە سەل قارىلىدۇ، ياكى ئېتىۋارسىز قارىلىدۇ. 50 ياشتىن يۇقىرى خېلى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچى بولمايدۇ، بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، مۇشۇ دەقىقىدىكى بۇ چوڭلار ھەقىقەتەن ئەڭ گۈزەل».