باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

ئەرلەر قانچە يېسە شۇنچە ياشارتىدىغان يېمەكلىكلەر

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-22 12:05:07


خەلق تورى ساغلاملىق لىنىيەسى خەۋىرى : ئادەمنىڭ ساغلاملىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدىغان دورا يوق، ئەمما ئادەم قانچە يېسە شۇنچە ساغلام قىلىدىغان يېمەكلىك بار. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى 10 نەپەر ئوزۇقلۇق ئالىمى، دوكتور تەكلىپ بېرىپ، تۆۋەندىكى 7 خىل يېمەكلىكنى قانچە يېسە شۇنچە ياشارتىدىغانلىقىنى، قانچە يېسە شۇنچە ساغلام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۈت يېمەكلىكلىرى: يېغى ئاز قېتىق ئەڭ ياخشى، مول كالىتسىي، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئاقسىل ۋە كالىي ئېلېمېنتى بار. بۇنىڭدىن سىرت، قېتىقتىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار تەندىكى زەمبۇرۇغلار تەڭپۇڭلىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر قېتىقنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ۋە پىشلاقمۇ ياخشى تاللاش. سۈت مەھسۇلاتلىرىدا ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بارلىق ئوزۇقلۇق بار، ھەرخىل ئوزۇقلۇقلار ئارىسىدىكى نىسبىتىمۇ تەڭپۇڭ.
تۇخۇم: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر تۇخۇم يەپ بەرسە خولېستېرىننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، يەنە ئادەم پۈتۈن بىر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى بىلىنەر بىلىنمەيلا يېنىكلەيدۇ. تۇخۇم يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 12 خىل ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددا بار، بۇنىڭدا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر: يۇقىرى تالالىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك بولۇپ، يۈرەككە پايدىلىق ھەمدە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، بۇلار قاتتىق پوستلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئەمما ياغ مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، مۇۋاپىق ئىېستېمال قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۆرۈك مېغىزى، يەر ياڭىقى ياكى ياڭاق، ئورمان ياڭىقى بولسۇن، ھەر كۈنى ئىككى سەردىن ئېشىپ كەتمىسە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.
مايمۇن شاپتۇلى: «مېۋىلەر شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان مايمۇن شاپتۇلىدا يۇقىرى زىچلىقتىكى ئوزۇقلۇق ماددا بار. بىر تال مايمۇن شاپتۇلى ئادەم پۈتۈن بىر كۈندە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C غا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە مول ۋىتامىن A ھەمدە ئۆسۈملۈك تالاسى ۋە كالىي تەمىنلەيدۇ.
پۇرچاق تۈرىدىكىلەر: پۇرچاقنى كۆپ يېسە يۈرەككە پايدىسى بار، پۇرچاقتىكى ئېرىمەيدىغان تالا خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ، باشقا بىر قىسىم ئېرىشچان تالالار تەن ئىچىدىكى ئەخلەتنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكتە يەنە ئاقسىل، كاربون-سۇ بىرىكمىسى، ماگنىي ۋە كالىي قاتارلىقلار بار. مۇتەخەسسىسلەر ھەر ھەپتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم يەپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
چېچەككەك: بۇ خىل كۆكتات يېيىشلىك ھەم دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ۋىتامىن A، C مول ھەمدە سۆڭەكنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق ۋىتامىن K بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت سەۋزىدە، ئاپېلسىن قاتارلىق سېرىق رەڭلىك ئۆسۈملۈكلەردە بار، چېچەككۆكتىمۇ زور دەرىجىدە مەۋجۇت.
مېۋە قېقى: ئاناناس قېقى، ئۆرۈك قېقى قاتارلىق نۇرغۇن مېۋە قاقلىرىنىڭ پەقەت سۇ تەركىبى يوق خالاس، مېۋىدىكى ۋىتامىن قاتارلىق پايدىلىق ماددىلار زور مىقداردا قالىدۇ. مول ۋىتامىندىن سىرت، مېۋە قېقىدا يەنە زور مىقداردا تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مېنرال ماددىلار بار، مېۋە قېقىدىكى قەنت مىقدارىمۇ ئادەتتىكى مېۋىلەرنىڭ قانت مىقدارىدىن تۆۋەن، سەمرىتىپ تاشلىمايدۇ، ياخشى ئۇششاق يېمەكلىك.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2