باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەر

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-03-11 11:58:29

\

1. خوتۇنىڭىز ئۆزىنى تۈزەشتۇرۋاتقاندا، سىزتاقەتسىزلىنىپ : ‹‹ بولدى، بولدى، بۇنچىۋالا ياسىنىپ كىمگە چىرايلىق كۆرۈنمەكچى ئىدىڭىز ؟›› دېمەڭ، چۈنكى بۇ بىر جۈملە سۆز خوتۇنىڭىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.

2. خوتىنىڭىز بالىنى ئەركىلىتىۋاتقان چاغدا سىز گەپتى گەپ چىقىرىپ: ‹‹ قاراڭ، ئۇنى قانداق ئەركە قىلىپ قويدىڭىزكىن›› دېمەڭ ، چۈنكى ئانا مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر بولىدۇ.

3. ماگىزىندا خوتىنىڭىز كىيىم تاللاۋېتىپ، بەك تاللاپ كەتسە، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇغاق سۇ سېپىپ: ‹‹ئۆزىڭىز تاللاپ بىر قۇر ئالسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟ بەرىبىر ئۇنى 10 يىل كىيەمتىڭىز›› دېمەڭ. ئەگەر بۇنداق دىسىڭىز خوتۇنىڭىز خاپا بۇلۇپلا قالماي، نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، سىز بىلەن شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا بىللە چىقماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن.

4. خوتىنىڭىز دوستلىرى بىلەن تاسادىپى جەم بولۇپ قېلىپ، ئۆيگە كەچرەك قايتىپ كەلگەندە : ‹‹پۈتۈن بىر كۈن سىرتتا نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ يەنە كىم سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى؟›› دېمەڭ. چۈنكى بۇ بىر خىل گۇمان سۆزى بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا خوتۇنىڭىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنى قوزغاپ، ئۇنى ھەتتا ‹ سىز باشقۇرالامتىڭىز؟ بىڭسىڭىز بولسا سىزمۇ بىرەرسىنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ!›› دېيىشكە مەجبۇرلاپ قويىشىڭىز مۇمكىن.

5. خوتىنىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا: ‹‹ سىز نېمىنى بىلىسز ؟ سىزنىڭ ئۇنچىلىك مىلىمىڭىز كىچىك بالىغا دەرس ئۆتۈشكىمۇ يارىمايدۇ ›› دەپ زىتىغا تەگمەڭ. چۈنكى توغرا - خاتا ھۆكۈم قىلىشتا ئاياللار تۇيغۇ جەھەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك سەزگۈر بولىدۇ.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2