ئۇيغۇرلار تارىخىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن،كېسەللەرنى شىپالىق ئوزۇقلۇق تاماق بىلەن داۋالاشتىن تاشقىرى،پەرھىزلىك تاماق بىلەنمۇ داۋالايدۇ. پەرھىزلىك تاماقلار دېگىنىمىز،كېسەللىك خارەكتېرىگە ئاساسەن «زىيان قىلىدۇ»دېيىلىپ،يېيىش چەكلەنگەن تاماقلارنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن،قان بىسىم،جىگەر،بۆرەك،ئۆت،يۈرەك كېسەللىكلىرى مايلىق گۆشنى پەرھىز قىلىدۇ.ئۇششاق يارا،تەمرەتكە،دانىخورەك،بوۋاسىر قاتارلىق يەرلىك كېسەللەر ئاچچىقسۇ،لازا،جاڭيۇلاردىن پەرھىز قىلىدۇ. يۇقىرى ھارارەتتىكى (ئىسسىق دەپ قارالغان)كېسەللەر ياغدا قورۇلغان گۆش،تۇخۇم،ئۆردەك،غاز،كەپتەر گۆشلىرىنى پەرھىز قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار كونا گۆش،ئورۇق قېرى كالا،قېرى ئۆچكە،قېرى ساغلىق،ئورۇق توخۇ گۆشلىرىنى زىيانلىق دەپ،ئۇنى يېيىشتىن پەرھىز قىلىدۇ. ئاشقازان كېسەللىرى ھۆل مېۋە-چېۋە يېيىشتىن پەرھىز تۇتىدۇ. قەنت سىيىش كېسلى ۋە بۆرەك كېسلىگە تاتلىق تاماق،بۇغداي ئۇنى بەرمەيدۇ. زاغۇن يېغى،قىچا يېغى ۋە شىرنىلىك تاماقنى،كېزىك،زاتىل،سەرسام، زوكام،زىققى،كېكىردەك،كاناي،قىزىتما كېسەللىرىگە بەرمەيدۇ. كېسەل داۋالاشتا،قوي يېغى،قىچا يېغى،زىغىر يېغىدىن باشقا ياغلارغىمۇ شەرتلىك قارايدۇ. ئۇيغۇرلار تاماق بىلەن كېسەل داۋالىغاندا،پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىرگە،يېتەرلىك ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش،تاماقنىڭ سىڭىشى،مىجەزنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلىدۇ ۋە كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۈچۈن،تاماقنىڭ رەڭگى،كۆرۈنۈشى،تۈرى،پۇرىقى،تەمى،تازىلىقى،تاماق تەييارلىغۇچىنىڭ خۇلق مىجەزى،دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا،ئۆز-ئۆزىنى تاماق بىلەن داۋالاشقا ئادەتلەنگەن.مەسىلەن،سوغۇقى ئېشىپ قالسا،ئۈستۇن ھارارەتلىك،ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يەپ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ.ئىسسىقى ئېشىپ قالسا،سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يېيىش ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشەيدۇ. ئومۇمەن،تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش خەلق ئارىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىرخىل ئەنئەنە بولۇپ،ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى كېسەل داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىىردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
|