
ئادەم تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىنىپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭيىشىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . دادۇر بولسا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى نىسبەتەن كۆپ بولغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كالتىسىيمۇ كۆپ، نوقۇت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە، قۇلاق قۇلۇلىسىنىڭ كالتىسىي مېتابولىزىمنى ياخشىلاپ، گاسلىقنىڭ ياخشىلىنىشى، قۇلاقنىڭ غوڭۇلدىشىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.