1. توخۇ ئۆتىنى مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئىككى كۈندە بىرنى ، ئىككى ياشتىن يۇقۇر بالىلارغا كۈندە بىردىن مەلۇم مەزگىل يىگۈزسە ، بالىلاردىكى كاناي ياللۇغى ، كۆكيۆتەل ، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپاھ بولىدۇ .
2. ئۆردەك ئۆتىنى مەقەتكە سۈرتۈپ بەرسە ، بۇۋاسىر كىسەللىكىگە شىپاھ بولىدۇ .
3. كالا ئۆتىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن سوقۇپ ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئۇششاق كومۇلاچ ياساپ كۈندە تاماقتىن كېيىن ئىككى ، ئۈچ تالدىن يەپ بەرسە ، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا ياخشى شىپاھ قىلىدۇ .
4. قوي ئۆتى زەھەر قايتۇرىدۇ ، كۆزنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ . كۆز ياللۇغى ، گال ئاغرىش ، ئىششىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.