تۈنۈگۈن (22-يانۋار) LG جۇڭگو بازىرىدا تۇنجى بولۇپ ياي شەكلىدە لايىھەلەنگەن يانفوننى GFLex نى بازارغا سالدى، بۇ جۇڭگو بازىرىدىكى تۇنجى ئەگمە ئىكرانلىق يانفون ھېسابلىنىدۇ.
ئەگمە ئېكرانلىق يانفون، يانفون تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى دەپ قارالغان بولۇپ، ئېلاستىك (ئەۋرىشىم) ئېكران ۋە ئەگمە باتارىيەنى لايھىلەش بۇ خىل تېلېفوننى ياساشتىكى ئىككى چوڭ تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇلتۇردىن باشلاپ، بىر نەچچە شىركەت-زاۋۇت ئۆزىنىڭ ئېلاستىك (ئەۋرىشىم) ئېكرانلىق يانفون تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان، LG تونجى بولۇپ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى GFlex نى بازارغا سالدى. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، GFlex يانفونى توغرىسىغا ئېگىلىدىغان 6 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلەتكەن بولۇپ، ئادەم يۈزىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ماسلاشقاچقا، تېلېفون مىكروفونىنىڭ ئېغىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى قىسقارتىش ئارقىلىق، سۆزلىشىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يانفون تۈزلەنگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ھالدا ئەگمە ھالىتىگە قايتالايدىكەن.
LG ئېلېكترونى يانفون بۆلۈمى جۇڭگو رايونىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل باش دىرېكتورى جاڭ روڭشو نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەگمە ئېكرانلىق يانفوننى ئىشلەپچىقىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولۇپ، تەننەرخىمۇ يۇقىرى ئىكەن، ھازىر بازارغا سېلىنغان GFlex يانفوننىڭ باھاسى 4999 يۈەن بولۇپ، بۇ ئاساسىي جەھەتتىن يانفوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىلەن تەڭلىشىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سەۋەبلىك، بۇ يانفون ئوچۇق تەمىنلەشكە ئىمكانىيەت يار بەرمەيدىغان بولۇپ، جۇڭگو بازىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە 10 مىڭ دانە يانفون سىناق تەرىقىسىدە سېتىلىدىكەن. تەمىنلەش مىقدارى بۇ تۈركۈمدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدىكەن.
جىڭدوڭ بازىرى (京东商城) نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شىياۋسۇڭ مۇنداق دەيدۇ: سانى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يانفوننى سېتىشتا ئاۋۋال تەكشۈرۈپ ئاندىن سېتىش سىياسىتى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىستىمالچىلار ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، جىڭدوڭ بازىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن يانفون سېتىۋالالايدىكەن.
ۋاڭ شىياۋسۇڭ يەنە، بۇنداق قىلغاندا ھايانكەشلەرنىڭ ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىشنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
LG شىركىتى 23-يانۋاردىن باشلاپ جىڭدۇڭ بازىرىغا GFlex تىپلىق يانفوننى تەمىنلەشنى باشلىغان بولۇپ، بەزى ئىستىمالچىلار چاغاندىن بۇرۇن مال تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.