ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

چوڭچىڭدىكى بوۋاقنى خورلىغان قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنىڭ كەچۈرۈم سوراش خېتىنى ئاشكارىلىدى

ۋاقتى : 2013-12-20  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 20-دېكابر خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، چوڭچىڭلىق بوۋاقنى خورلىغان، يەرگە ئاتقان قىزنىڭ ئاتىسى لى فامىلىلىك مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات پروگراممىسى ئارقىلىق قىزىنىڭ كەچۈرۈم سوراش خېتىنى ئاشكارىلىغان، خەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى «مەن لى XX، ئۇ كۈنى مەن ئىنىمىزنى ئۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئۆيدە ئىنىمىز بىلەن ئويناۋاتقاندا ئىت قاۋىدى، ئىنىمىز يىقىلىپ كەتتى. تاغام ۋە ھەدەمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتىم، تاغام ۋە ھەدەمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
قىزنىڭ دادىسى دېيىشىچە، خەتنى قىزى ئۆز قولى بىلەن يازغان، ئۇ ئۆزىمۇ كەچۈرۈم سوراش خېتىگە نەچچە جۈملىنى قوشۇمچە قىلغان:«مەن ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تاسادىپىيلىق ھېس قىلدىم. ھەممىمىز ناھايىتى ئازابلاندۇق، كەچۈرۈم سورايمىز».
لى فامىلىلىك ئالدىنقى ھەپتە قىزى ئۆز قولى بىلەن يازغان كەچۈرۈم سوراش خېتىنى يەرلىك سوتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن. لى فامىلىلىك ئوغۇل بوۋاقنى قۇتقۇزۇش ۋە تۆلەم بېرىشكە بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارىتا، يېڭى ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئوغۇل بوۋاقنىڭ دادىسى لى ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ كەچۈرۈم سوراش خېتىنى كۆرمىگەنلىكىنى ھەم قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ:«لازىمى يوق، كېچىكتى» دېگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق كەچۈرۈم سوراشتا قىلچە سەمىمىيلىك يوق بولۇپ، ئۇ كەچۈرمەيدىكەن.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا