ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام ھۇگە «ئەسەد سۈرىيەنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندىلا سۈرىيە مەسلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.
ۋىلىيام ھۇگە، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە تۇرىۋېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ۋىلىيام ھۇگە، كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىسترى شەيخ ساباھ خالىد ئەلھاماد ئەلساباھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەنسەپدىشى بىلەن سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك جەنەۋە كېڭىشىگە ھەسسە قوشۇش مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، سۈرىيەدە ئېقىۋاتقان قاننى توختۇتۇپ، سىياسىي ھەل قىلىش يولىنى ئېچىش مەقسىتىدە سىياسىي جەھەتتە ئىلگىرىلەش يوللىرىنى بىرلىكتە ئىزدەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋىلىيام ھۇگە، «غەرب ئەللىرى ئەسەدنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى خالىمايدۇ، دېيىلىدۇ. بۇ راسمۇ؟» دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «ئەنگلىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەششار ئەسەدنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرىشىنى قوللىمايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن» دېدى.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام ھۇگە ئەنگىلىيەنىڭ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئىنقىلاپچى كۈچلىرى دۆلەتلىك ئۇيۇشمىسىنى سۈرىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ۋە قولاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، بىراق سۈرىيەدىكى رادىكال گۇرۇپپىلارنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقا گۇرۇپپىلارنىمۇ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئىنقىلاپچى كۈچلىرى دۆلەتلىك ئۇيۇشمىسىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى.