ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

كىم جوڭئۇن چاڭ سۇڭ تىكقا ھەر كۈنى تەكشۈرۈشنامە يېزىش يوليورۇقى بەرگەن

ۋاقتى : 2013-12-08  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

شىياڭگاڭ سىڭتاۋ تورىنىڭ 7-دېكابر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە مېدىيەلىرى خەۋەر قىلىشىچە، ئەمەلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقالغان شىمالىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى چاڭ سۇڭ تىك چاڭگۋاڭساندىكى تۇرالغۇسىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقىلى ئۇزۇن بولغان ھەمدە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئالاھىدە يوليورۇقىغا بىنائەن، ھەر كۈنى تەكشۈرۈشنامە تاپشۇرۇپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغان.
جەنۇبىي كورىيە «مەركىزىي گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى باش بەت خەۋىرىدە دېيىشىچە، شىمالىي كورىيەگە ئالاقىدار ئىشلاردىن ياخشى خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ تۇغقىنى، شىمالىي كورىيە مەمۇرىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى رى ريوڭ-خا قاتارلىقلار پارتىيەگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئېتىپ تاشلانغان، بۇ سەۋەبلىك چاڭ سۇڭ تىكنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن ھەمدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، چوقۇم ھەر كۈنى تەكشۈرۈشنامە تاپشۇرىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2004-يىلى كىم جوڭئىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدىمۇ، چاڭ سۇڭ تىك ۋەقە سەۋەبلىك ھوقۇق يادروسىدىن ئومۇميۈزلۈك چېكىنىپ چىققان، ئەمما ئەينى چاغدا تەكشۈرۈشنامە يازمىغان. بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن چاڭ سۇڭ تىك ئۆزىنىڭ 29 ياشلىق جىيەنى كىم جوڭئۇن تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەن.

ئۇچۇر تەمىنلىگەن زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ ئايالى كىم يوڭ خۇي، يەنى كىم جوڭئۇننىڭ ھاممىسى نۆۋەتتە چاڭ سۇڭ تىك بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. جەنۇبىي كورىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتىگىيىسى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى:«پەقەت كىم يوڭ خۇي ھايات بولسىلا، ھېچكىم چاڭ سۇڭ تىكقا چېقىلالمايدۇ» دېگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى شىمالىي كورىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. جەنۇبىي كورىيە مېدىيەلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جاڭ يوڭ چولنىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگونىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ ئايروپورتى ئارقىلىق شىمالىي كورىيەگە قايتقان.
جاڭ يوڭ چول چاڭ سۇڭ تىكنىڭ جىيەنى بولۇپ، شىمالىي كورىيە دائىرلىرى ئۇنى بۇرۇنلا شىمالىي كورىيەگە قايتۇرۇپ كەتكەن.
بېيجىڭدىن كەلگەن ئۇچۇر مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ ئاچىسى ئائىلىسى بىلەن 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن روسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ كۇبادىن يولغا چىققان، موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئارقىلىق 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن پيوڭياڭغا يېتىپ كەلگەن.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت 
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا