
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 8-دېكابر خەۋىرى: ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدە بىر دوختۇرخانا قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
سېلېكا توپىلاڭچىلىرى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە بانگىدىكى Amitie دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ 10 ئادەمنى ئېتىۋەتكەن، مەزكۇر دوختۇرخانىدا نەچچە كۈندىن بۇيانقى زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدا يارىدار بولغان نۇرغۇن يارىدارلار داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق كىشىلەر يارىدارلارنى دوختۇرخانىدىن سۆرەپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى ئېتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دوختۇرخانا تاقالغان.

ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم قىسىملار قوشنا دۆلەت كامېيروندىن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە كىرىشى بىلەن، فرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئەۋەتكەن 1200 ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملانغان. فرانسىيە ئارمىيىسى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدە چارلاشقا باشلىغان.
فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسىۋا ئولەندنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ 1200 ئەسكەرگە يەتكەن. فرانسىيە قىسىملىرى ئەسلىدىنلا ئافرىقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئوتتۇرا ئافرىقىغا ئەۋەتكەن قىسىملار تېزلىكتە يېتىپ كەلگەن.
نۆۋەتتە، فرانسىيەنىڭ يەر يۈزى قىسىملىرى مۇھاجىرلارنى قوغداش، ئايروپورتلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە كوچىلارنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، فرانسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ پايتەخت بانگىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى چارلىغان.
تەرجىمىدە: نەپرەت
