
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 3-دېكابىر خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى ياراشتۇرۇش زىيارىتىنى باشلىغان.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن جۇڭگو 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي دېڭىز مۇداپىئە رايونىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئاسىيا قىتئەسىنى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ياپونىيە، جۇڭگو ۋە جەنۇبىي كورىيەدىكى زىيارىتىنىڭ رايونلاردىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتەلەيدىغان ياكى پەسەيتەلمەيدىغانلىقىغا ئومۇميۈزلۈك كۆز تىككەن.
ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدىن شى جىنپىڭغا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا دىققەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن ھەمدە ئامېرىكىغا بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئەمما كۆزەتكۈچى خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە جۇڭگونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىگە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ جۇڭگو ھاۋا مۇداپىئە رايونىدا ئۇچۇش ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇش تەكلىپى بەرگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ گەرچە جۇڭگو ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋەبلىك جۇڭگودىن يۈز ئۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدىكەن.
ياپونىيە كيودو ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 3-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سارايدا بايدىن بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىكتە جۇڭگودىن شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا بىرلىككە كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
بايدىن بۇ قېتىملىق ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئۈچ دۆلەت سەپىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە جەنۇبىي كورىيە پېرىزدېنتى پاك گېن خېي بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرىشىدىكەن.