
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاق ساراي 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلار ئۇكرائىنادىكى تىنچلىق نامايىشىنىڭ مەقسىتى سىياسىي ئۆزگىرىشتە دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئازاروۋ (Mykola Azarov) نامايىشنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاق ساراي باياناتچىسى كارنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاق ساراينىڭ تىنچلىق نامايىشىنى سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنى موسكىۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ چوڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئىنقىلاب ئەمەس بەلكى، تەشكىللىك، پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرمەسلىكىنىڭ روسىيە بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئازاروۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش، نامايىش پائالىيەتلىرىدىن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەن.
ئازاروۋ يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا پارلامېنت بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.