2009-يىلى12-ئايدا، بەييۈن شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، ئۈچ ئەر تاللا بازىرىغا كىرىپ، بىر ئەر خوجايىننىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرغان، قالغان ئىككى ئەر بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىپ، پۇكەيدىكى داتلاشماس قاچىلارنى ئىشتىنىغا سېلىۋالغان، خوجايىننىڭ دېيىشىچە داتلاشماس قاچىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 28سانتىمېتىر بولۇپ، ئوغرىلىق قىلغان ئىككى ئەر ئاز دېگەندە 10كىلوگرامدىن ئارتۇق قاچىنى ئوغرىلىغان، خوجايىننىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگىنى شۇكى بۇنداق چوڭ ھەم ئېغىر قاچىلار ئۇلارنىڭ ئىشتىنىغا قانداق پاتقاندۇ؟
بەرەڭگە خالتىسىدىن چاشقان چىققان تاللا بازىرى
2010يىلى12-ئايدا، ئەنگىلىيەلىك ئايال لىزۋۇ تاللا بازىرىغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كىرگەن، ئۇ تاللا بازىرىدىن بەرەڭگە قەلەمچىسى سېتىۋالاي دەپ قارىسا خالتىنىڭ تۆشۈكلىكىنى كۆرگەن، قولىغا ئېلىپ قارىسا خالتىدىن 10غا يېقىن كىچىك چاشقان سەكرەپ چىققان.
ھاراقلارنى ئىچىپ بولۇپ، قۇرۇق بوتۇلكىسىنى تىزىپ قويغان كىشى
2007-يىلى10-ئايدا، ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشىتاتىدىكى يىنگېر ئىسىملىك ئەر ئايالى بىلەن ۋولمارت تاللا بازىرىغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كىرگەن، تاللا بازىرىدىكى ھاراقلارنى كۆرۈپ، ھاراق پۇكىيى ئالدىدا تۇرۇپلا 15مىنۇت ئىچىدە 7بوتولكا لىمون ھارىقىنى ئىچىۋەتكەن، ئىچىپ بولۇپ قۇرۇق بوتولكىلارنى يەنە جايىغا تىزىپ قويغان، كېيىن ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان.
قىزى بىلەن بىللە ئوغرىلىق قىلغان ئادەم
ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئىشتاتىدا 2009-يىلى3-ئايدا بىر بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بەردى، جىنايەتچى ئەر 42ياش بولۇپ، تېخى 9ياشلىق قىزىنىمۇ بىللە يېتەكلەپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، قىز قاراشتا ئىنتايىن گاڭگىراپ ھەم قورقۇپ كەتكەن.
دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىت
تەيۋەندە "خالو"دەيدىغان بىر ئىت 2007-يىلى7-ئايدا توردا چولپانغا ئايلانغان ھەمدە باشقىلار تەرىپىدىن"دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىت"دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇ كالبوسا سېتىۋالالايدىغان بولۇپ، ھەتتا توڭلاتقۇدىن ئىگىسىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەلەيدىكەن، تېخى تۆت پۇتى بىلەن ئىستاكان ئۈستىدا دەسسەپ تۇرالايدىكەن، ئۇ كەلگەن مېھمانلارغىمۇ توڭلاتقۇدىن نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەلەيدىكەن، شۇڭا ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلار ئىنتايىن خۇشال بولىدىكەن.