خ. ھەمرايېۋ
(تارىخىي داستان)
ئاپتۇردىن:
سىلەر كۆرۈپ تۇرغان "گۈلەمخان" ناملىق بۇ تارىخىي داستاننىڭ پاجىئەسى مانجۇر خاندانلىغىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، يەنى 1890-يىللىرى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيسىگە قاراشلىق ئارائۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئويمان – بايتوقاي /Oymanbulaq/ دېگەن ئىلى دەرىياسىنىڭ بوينىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىسىدا ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخىي ۋەقىئەدۇر. بۇ تارىخىي ۋەقىئەنىڭ ماتېرىئالىنى مەن 1951 – 1953 جج. گۈلەمخان، نودەر، مايەن ۋە سايرامباي تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئويمانبايتوقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى: ھىزۋەكتام، تۈگمەن بېشى، ئارۆستەڭ، ياماتۇ ھەم توغراق يېزىلىرىدا جۈرۈپ توپلىغان ئېدىم. شۇ توپلىغان ماتېرىئاللىرىمغا ۋە گۈلەمخان ھەققىدىكى ئېغىز ئىجادى بىلەن بەزى يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسەن موشۇ تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتىم. بۇ تارىخىي داستاندا شىنجاڭدا ياشىغۇچى قېرىنداش ئەمگەكچى خەلىقلىرىنىڭ، يەرلىك فېئوداللىرىغا قارشى كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ئوبرازلىرى ئوچۇق كۆرسىتىلدى ھەم كەمبەغەل دېخان ياشلىرىنىڭ سىنىپى دوستلۇغى، چىن مۇھەببىتى نامايىش قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدا ياشمغۇچى قەلەمداش يولداشلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئەركىن پىكىر يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. خ. ھەمرايېۋ
٭٭٭ ئۇزاقلاردىن ئەلگە مەلۇم داڭلىق گۈلەمخان، شۇ توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي تارىخىي داستان. گۆزەل غۇلجا شەھرىنىڭ شەرىق تەرىپىدە، ئىلى دەرىيا بويىدىكى كونا مەلىدە. سادىر٭ دېگەن بىر كەمبەغەل دېخان بار ئېدى، ئۇ زومىگەر ئەڭگە بايغا قۇلدەك خار ئېدى. شۇ دېخاننىڭ ساھىپجامال بىر قىزى بولغان. بىر نۇر ئېدى بۇ جاھاندا تەڭدىشى يوقتەك، قاراشلىرى ئۆتكۈر ئېدى گوياكى ئوقتەك. بىر قاراپلا ئاشىق قىلار ئېدى ھەر جاننى، كۈندۈزى – كۈن، تۈندە ئىزلەر ئاي گۈلەمخاننى ئەل ئاغزىدا «سۇ پەرىسى» دېگەن نامى بار، قىزنى كۆرۈپ ئىلى دەرىيا دايىم چايقىلار... ناخشىسىغا تەبىئەتمۇ بولاتتى تەشنا، گۈل چىرايى بۇلبۇللارنى قىلاتتى ئەشنا. تاغدا ئۆسكەن كېيىكلەرگە ئوخشاتتى ئۆزى، ئوخچۇپ چىققان بۇلاقلاردەك ئويناتتى كۆزى. گۈل غۇنچىدەك گۆزەل ئېدى نەپىس لەۋلىرى، مەجنۇن تالنى ئەسلىتەتتى ئۇنىڭ بەللىرى. ئۆالىغاچنىڭ ئۆانىتىدەك ئەگىمە قاشلىق، كۆرۈنەتتى بۇ گۆزەل قىز ئون يەتتە ياشلىق. «پەرى» دەتتى ھەر بىر ئادەم كۆرۈپ بۇ قىزنى، ئانار ئۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، چېچى قۇندۇزنى. دەرھەقىقەت، شۇنداق گۆزەل ئېدى گۈلەمخان، شۇڭا قىزغا كىچىگىدىن كۆز مونچاق ئاسقان. قىز بەختىنى تىلەر ئېدى ئاتا-ئانىسى، يوق ئېدى ھەم موشۇ قىزدىن باشقا بالىسى. قىزمۇ ئۆسۈپ چاچقا جالا سېلىنىپ قالدى، بەڭۋاشلىغى ئەندى ئۇنىڭ بېسىلىپ قالدى. قارا سۇمبۇل چېچى تولۇق ئۆرۈلدى ئۈچ تال، قىزنى چوڭقۇر خىياللاغا سالدى بۇ ئەھۋال... خىيال قۇشى ئۇچاتتى ھۇر، گويا قالىغاچ، جۈرىگىدە مۇھەببەتنىڭ ئوتى پارلىغاچ. قىز قەلبىدە يارنىڭ ئىشقى دولقۇنلىناتتى، شۇ دولقۇندا يوشۇرۇن سىر يالقۇنلىناتتى. بۇ سىرىنى ئانىسىغا ئېيتالماتتى ھەم، (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |