كۆز ئالدىدا قاينار ئېدى ئادەم دولقۇنى، كۆيدۈرەتتى پېشانىنى كۈننىڭ يالقۇنى. ئارقىسىدا دوستى مايەن نودەرنى تونۇپ، توپ ئىچىدە ئالدى ئۇنىڭ كۆزىنى جۇمۇپ. نودەر دەررۇ سىلاپ كۆرۈپ جىگىت قولىنى، بىلىپ قېلىپ، ئاستا چىمداپ قويدى بۇرنىنى. ھەر ئىككىسى كۈلۈپ كېتىپ، كۆرۈشتى خوشال، شۇ چاغ سايرام كۆرۈپ قالدى، نودەرنى غىل-پال. سايرام ماڭدى يېڭى بىلەن ئۈزىنى ئېتىپ، ئېغىر چامداپ كېلەر قۇمدا ئايىغى پېتىپ. ئاخىر ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تېپىشتى، "جۈر، نودەرجان!" – دەپ، چېلىشقا ئېلىپ كېتىشتى... كۈن تۆۋەنلەپ، سالقىن چۈشۈپ قالدى ئەتراپقا، ئەل توپلىنىپ ئاقار سەلدەك چوڭ چېلىش ياققا. مەيداننى كەڭ دائىرە قىپ، مىڭلىغان ئادەم، پالۋانلارنىڭ چېلىشىنى كۈتەتتى شۇ دەم. بىرىنچى بوپ ئەڭگە باينىڭ – يولۋاس پالۋىنى، كىيىپ چىقتى مەيداڭھا ئۇ ياغاق شالۋۇرنى. ئۇ گەۋىرلىك ئېگىز كەلگەن، خامسېمىز ئېدى. تىنىغىدىن كېلىپ تۇرار قىمىزنىڭ ھىدى. ئاڭا قارشى نودەر چۈشمەك بولدى چېلىشقا، ئاتىسىنىڭ كاتىلىدىن قىسساس ئېلىشقا... سايرامباي جىم ئولتىراتتى قاپىغىن تۈرۈپ، ئۇ ئېلىشىپ باقماق بولدى يولۋاسنى كۆرۈپ. مايەننىڭكى تومۇرلىرى كۆپتى ئۆچ بىلەن، ئۆز ئىچىدە شۇم قاۋاننى ئۇرار مۇش بىلەن. سايرام كۈچلۈك قوللىرىنى پاتۇردى قۇمغا، ئۆزى تامام نەپرەت بىلەن قارار مەلۇڭھا! نودەر دەررۇ دومتلىرىنى قىلىپ خاتىرجەم، ئالدى بىلەن ئۆزى چۈشمەك بولدى مۇستەھكەم، "قېنى، پالۋان بولسا، چاپسان چىقسۇن مەيداڭھا!" – دەپ، ۋاقىرىدى ئەڭگە شاڭيو ئۆزى ھەر ياڭھا. ھېچ بىر كىشى چىقالمىدى يولۋاستىن چۆچۈپ، غەزەپلەڭەن نودەر تۇردى ئورنىدىن ئىرغىپ. ئۇنى كۆرۈپ، ئەڭگە چولاق زاڭلىق ئارىلاش، يولۋاسۋايغا كۆزنى قىسىپ، ئېتىپ قويدى قاش. شەڭگەن، دارىن، دوتەي،لوزۇڭ قاراتتى جۇتتەك، كەڭ مەيداڭھا چىقتى نودەر ئېتىلىپ ئوقتەك، ئىككى پالۋان بىردىنلا چىڭ تۇتۇشۇپ كەتتى، بىر-بىرىنى ھەر تەرەپكە ئېتىشىپ كەتتى. كەمبەغەللەر ئۇتۇق تىلەر جىگىت نودەرگە، مەدەت تىلەر، قۇۋەت تىلەر كەھرىمان ئەرگە. چىن دوستلىرى غەزەپ بىلەن تىترەتتى قايناپ، بەگزادىلەر تۇرار مۇندا تىلىنى چايناپ. قىزىپ كەتتى چېلىش راسا ئوۋجىغا ئېلىپ، ھەممە قارار بىر نۇقتىغا دىققەت كۆز سېلىپ، گۈلەمخانمۇ بىر بۇلۇڭدا دوستلىرى بىلەن، غەلىبىيەت تىلەر يارغا جۈرىگى بىلەن... بىر ۋاقىتتا نودەر ئالدى يولۋاسنى جۇلۇپ، غەزەپ بىلەن مىقلاۋەتتى بېشىچە ئۇرۇپ. ياڭراپ كەتتى كېيقاس-چۇقان مەيدان ئىچىدە، شاتلىق تاشتى نودەر دېگەن ھەر بىر كىشىدە. يولۋاسنىڭكى ئاغزى-بۇرنى ماكچىيىپ كەتتى. ئەڭگە باينىڭ جۇمۇك كۆزى چەكچىيىپ كەتتى. دارىننىڭمۇ چۈشۈپ كەتتى قولىدىن ھاسا، ئەمگەكچىلەر كۈلۈپ كەتتى ئەركىن، كەڭ تاشا. -------------------------------------------------------------------------- جو٭ ---- دوتەي ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس ياغاچ تەخت موزا٭ --- باش كىيىم توز٭ --- ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق چىرايلىق قۇش. مەنجىن خانلىغىنىڭ دوتەيلىرى مەنسەپ بەلگۈسى ئۈچۈن توزنىڭ قۇيرۇغىنى باش كىيىمىغا قاداپ ئالاتتى. بەشىنچى باپ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |