مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ بېشىدا قار نىيەت شىڭ شىسەي شىنجاڭدا ھاكىميەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن ، << ماركىسىزىم - لىنىنىزىم ئۆگەنگەن >> ، << كوممۇنىزىمنى خالايدىغان >> قىياپەتكە كىرۋالغان بولسىمۇ ، كېيىن ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىنى ئاشكارىلاپ ، شىنجاڭدا ئۆزى گۇمانلىق دەپ قارىغان يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، بايلار ، دىننىي زاتلار ، دىمكۇراتىك زاتلارنى ھەدەپ قامىدى ، بولۇپمۇ گىتلىر گىرمانىيىسى سابىق سۇۋېت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ، كومىنىتسلار ، زىيالىلار ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلۈك قىلغان . بەزى ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئەينى ۋاقىتتا تۆت مىليون نوپۇسى بار شىنجاڭدا شىڭ شىسەي ھۆكۇمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قامالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم 100 مىڭغا يەتكەن . شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىي زۇلۇمى ، خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل چىدىغۇسىز ئايۋان - سېلىق ، پۇل پاخاللىقى ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلقنىڭ ئىستىبدات ھاكىميەتكە نارازىلىق ئوتىنى تۇتاشتۇردى . دىيارىمىزنىڭ جاي - جايلىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا بىرىپ پاناھلانغان . بۇ ياشلار سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن بىر قانچە يەردە گۇرۇپپا تەشكىللەپ . شىنجاڭغا قايتىپ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابى ھەركەتتە بولماقچى بولدى . ئەنە شۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى قازاقىستاندا تەشكىللىنىپ ، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن 1944 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئۇتتۇرلىرىدا ئالماتادىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيە ، سىتراتىگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇۋاپۈق بولغان نىلقا ناھىيىسىگە ئاتلاندى . |