سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نان!(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-14 17:32مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

 

        
 

  نان – ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىكنىڭ بىرى بولۇش بىلەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە تۈسكە ئىگە يىمەكلىكتۇر. نان ئۇيغۇر يىمەكلىكلىرى ئىچىدە ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، نان «تۇنۇر» دا ئوتنىڭ قىزىقىدا قاقلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.

    شىنجاڭدىكى خەنزۇلار تونۇرنى گەمىدەك شەكلىگە قاراپ «نان گەمىسى» دەپ ئاتايدۇ. نان كۆپ ھاللاردا بولدۇرۇلغان خېمىرنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، گۈنجۈت، باش پىياز، تۇخۇم، ماي، سۈت، تۇز، شىكەرنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىدۇ. ناننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، خېمىرنىڭ يۇغۇرۇلۇش، قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، شەكلى، پۇشۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئاتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. «ھەمەك نان» - بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «چوڭ نان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئايلانمىسى قىرىق، ئەللىك مىللىمېتىر كىلىدۇ. ئەڭ كىچىك نان «توقاچ» (مايلىق نان) بولۇپ، ئەستايىدىل ئىشلىنىدۇ. خېمىرغا ماي، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار قوشۇلىدۇ. مەززىلىك، ئۇزاق ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ، ئوڭاي كۆكىرىپ قالمايدۇ. چايغا چىلىغان ھامان يۇمشايدۇ. توقاچ ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر تۇرمۇشىدىكى «ئەپلىك تائام» ھېسابلىنىدۇ. توقاچ ھېيت-ئايەملەردە داستىخانغا تىزىلىدۇ. نانلارنىڭ ئەڭ قېلىنى «گىردە» بولۇپ، قېلىنلىقى بەش-ئالتە مىللىمېتىر، ئوتتۇرىسى ئويمان بولىدۇ. بۇندىن سىرت، پېتىر خېمىردىمۇ نان يىقىلىدۇ

 

 

سۇ ماي ياكى قوي ماينى خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ، نىپىز يىيىتىلغاندىن كېيىن پۇشۇرۇلىدىغان يەنە بىر خىل نان بار. بۇ نان يۈزىگە ناۋات سۈيى سۈركۈلۈپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ نان تاتلىق نان دىيىلىدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە بىر خىل نان بولۇپ، گۆش قىيما قىلىنىپ بولدۇرۇلغان خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ «گۆش نان» دىيىلىپ، نانلارنىڭ شاھى ھېسابلىنىدۇ. ناندا سۇ تەركىبى ئاز بولغاچقا ئۇزاققىچە كۆكىرىپ قالمايدۇ. ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەملىك، قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ياقتۇرىدۇ.


 

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەكلا تونۇر بار. ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاساسەن تەييار نان سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى. ھالبۇكى، يېزىلاردا ئادەتتە بىر قېتىم يىقىلغان نان، بىر ئائىلە ئۈچۈن بىر قانچە كۈن يىتىدۇ. ئاياللار ئادەتتە سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن يوغان سىۋەتتە بىر كەلگۈدەك نان يىقىپ قويىدۇ.

    دېھقانلار سىرتقا چىققاندا ياكى ئېتىزلىققا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ماڭغاندا نان ئېلىۋالىدۇ. بەزى چاغلاردا ئاندا-مۇندا مىۋە-چىۋە ئىلىۋېلىپ چۈشلۈك تائام قىلىدۇ. كىشىلەر يىراق سەپەرگە چىققاندىمۇ نان ئىلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ياقا يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە يۇرتنىڭ نىنىنى ئەۋەتىش ناھايىتىمۇ ئىسىل سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !