1900-يىللرى ئەتىراپىدىكى ئويغۇر لار ئىككى كۇن ئالدىدا مەزكۇر تور بەتنى ئارلاۋېتىپ كۆڭلۈم بىر خىللا بۇلۇپ قالدى.نىمىشقا دىسىڭىز مەزكۇر تور بەتتىكى "1900-يىللرى ئەتىراپىدىكى ئويغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇش،ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر"دىگەن تىمىدە تەسۋىرلەنگەن بۇ تارىخى كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.
بۇ رەسىم بولسا 1900-يىللىرى ئەتىراپىدا تارتىلغان سۆرەت بۇلۇپ بۇنىڭدا ئىنتايىن روشەن تارىخى ئارقا كۈرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . بۇ چاغلاردا ياۋرۇپا ئەللىرىدە بولسا ئاللا بۇرۇن 2-قېتىملىق سانائەت ئنقىلابى باشلىنىپ بولغان بىزچۇ نادانلىق،قالاقلىق ئەۋىج ئالغان بۇلۇپ پۇتۇن مىللەتنىڭ ساپاسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.
يۇقارقى بۇ سۆرەتتە تەسۋەرلىگىنى بولسا كىيىنىشىدىن قارىغاندا يۇرىتنىڭ ئۆلىمالىرى بولسا كېرەك ئۇلار مۇشۇنداق كۈن بۇيى كەيىپ ساپادا كۈن كەچۈرۈرشكە ئادەتلەنگەن.يۇرىتنىڭ ئۆلىمالىرى مۇشۇنداق بولسا پۇقرالارچۇ ؟ پۈتۈن ئويغۇر تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق پەخىرلىنىدىغان تارىخى ئىزلىرىمىز نۇرغۇن ئەمدىلىكتىچۇ ؟ بۇلار نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بىچارە ھالغا چۇشۈپ قالغان ياكى ئۇلارنىڭ تەغدىرى مۇشۇنداقمۇ؟ نادانلىق قالاقلىق بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئويغۇرلىرىمىزھەتتا ئۈزىنىڭ كىيىم مەدەنىيىتىنىمۇ ئونتۇپ كەتكەن . بۇزامانلاردا نادانلىق نامراتلىق سەۋەبىدىن مىللەت ئۇقۇمى پۇتۇنلەي ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بولسا كېرەك بەزى كىشىلەر مىللىتىڭ نىمە دىسە مۇسۇلمان ،ئورغۇي دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار كۆپ ساننى ئېگىلەيتى . مۇشۇنداق نادانلىق قالاقلىق ئادەتلىرىمىزنى ئىرىسىيەت قىلىپ تاكى بۈگۇنگە كەلدۇق . بۇرۇن كىشىلەر نىشە چىكىپ كەيىپ سۈرسە ھازىر ياشلىرىمىز زەھەر چىكىپ ئۈزىنىڭ ياشلىقى ھەم مىللىتىمىزنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىپ مېڭىشىغا ئېغىر توسالغۇ بولماقتا .ئەيدىزدىن ئىباروت بۇ ئىبلىسنىڭ قولىدا جان تالىشىۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ نۇرغۇن. ئۈزى بىلەنلا كەتمەي خۇتۇنى نارسدە باللىرى بۇلارنىڭ كەيىپ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ.نۇرغۇن قىزلىرىمىز زەھەرنىڭ كۈچلۈك پىراقىدا ئۈزىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى يوقىتىپ مىللىتىمىزنىڭ ساپلىقىغا ئېغىز تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.يەنە بەزەنلەر بولسا قىلچە ھايا قىلماستىن دۇكان ئېچىپ ئۆزىنى ماددى ۋە مەنىۋي ئھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.يەنەبەزى ياشلىرىمىز تەپ تارتماستىن كوچىدا خەقنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ يۇرىۋاتىدۇ . تارىختىن بۇيانقى ھالال ئەمگىكى ، مېھماندوسلىقى ، خۇش -چاقچاقلىقى ، ساددا ، قانائەتچان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھازىر ئەل -ئىچىدە قانداق ئاتىلىپ قالغىنىمىز ئۆزىمىزگە ئايان ....... بۇتوغرىسىدا جىق سۆزلىمىسەممۇ تورداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە سان بارغۇ دەيمەن ؟ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ دوكتۇرى ،ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ يەنەبىر پەخرى ئوغلانى ئەسەت سۇلايمان ئاكىمىزنىڭمۇ ياۋروپاغا بېرىپ ئەينى يىللارداياۋروپالىقلار ئېلىپ كەتكەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت قول-يازما ، رەسىم ، قەدىمكى ئاسار -ئەتىقە بۇيۇملارنى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقى ئەھۋالى ، ياشاش ئادەتلىرى ، مەدىنىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدەش ، توپلاش ، خاتىرىلەش تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەت سۇلايمان ئاكىمىز ئۆز ئەسلىمىسى بويىچە يازغان (ئۆزلۈك ۋە كىملىك ) ناملىق كىتابىدىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك ، بىز بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە ياۋروپا رايونىدىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ نۇمۇسىنى سېتىپ يۇرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ . بۇ بايانلار ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى تىترىتىدۇ . نىمە ئۈچۈن بىز ئۆزلىكىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق ؟ نىمە ئۈچۈن مەدەنىيىتىمىزدە ئىلگىرلەش بولمايدۇ . قالاق ئىدىيىلەرنى نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاسان يۇقتۇرىۋالىمىز . غەرىپلىكلەرنى دوراپ ئۇلارغا چۇقۇنۇپ شۇلاردەك ياسىنىۋالغىنىڭىز بىلەن سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا شۇلارنىڭكىچىلىك ئۇماچ بارمۇ؟ ئاشۇلاردەك ساپا ، ئاڭ بارمۇ ؟ ئاشۇنداق يۇرىۋالغىنىڭىز بىلەن ئاتا-ئانىڭىز بەش موچەن بەرمىسە سىز كوچىغا چىقىپ بەش موچەن تاپالامسىز ؟ ياق سىز ئۇنى قىلالمايسىز . ھەم قىلمايسىز .كوچىدا يۈرۈپ كارتا سېتىۋاتقانلارنى مازاق قىلىسىز ؟ مازاق قىلماڭ : يانچۇقچىلىق ، ئوغۇرلۇق ، بۇلاڭچىلىق ، نۇمۇسىنى سېتىپ ، زەھەر چىكىپ ، كوچىدا يالغاندىن يېتىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۇرگەندىن ھالال ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان مىڭ ياخشى ئەلۋەتتە . بۇنداق دىگىنىم غەرىپلىكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنى چۈشۈرگىنىم ئەمەس .لىكىن ھەقىقەتنى ئېيتقاندا ئۇلار بىزدىن يەنىلا ئىلغار تەرەپلىرى كۆپ . ئىلغار يەرلەرنى ئۆگىنىش كېرەك لىكىن قارغۇلارچە ئەمەس . ئۆزىمىزنىڭ ئەمىليىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆگىنىش كېرەك دەپ قارايمەن .ئاۋۋال بىلىم ئىگەللەڭ ، ياخشى ئوقۇڭ . باللىرىڭىزنى ئەتراپلىق تەربىيلەڭ ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىڭ .ئەگەر سىزدە باللىرىمنى ياخشى ئوقۇتىمەن ياراملىق قىلىپ تەربىيلەيمەن دىگەن ئىرادە بولسا سىز چوقۇم ئۇنى قىلالايسىز . بىزدە بوشاڭلىق ھەقەقەتەن ئېغىر ، جاپا تارتىشنى ئۇنچەبەك خالاپ كەتمەيمىز ، باھانىمىز جىق . يول تاپقانلارنى كۆرەلمەيمىز ، (دوپپاڭنى ئەكەل دىسە ، ......... ئەكىلىدىغانلار جىق ) دۇنياغا داڭلىق ئالىملىرىمىزدىن بىرەرسى چىقسا ئاغزىمىزدا پەخىرلەنگەن بولۇپ ، يەنە ئۆزىمىزنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەيمىز . ھازىرقى ئۇنۋېرسىتلارنى دىسەڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ناھايىتى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئنى سىڭىللىرىمىز نەچچە يىلغا بارماي بۇرۇنقىسىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئادەم بۇلۇپ چىقىدۇ.ئالى مەكتەپ زور بىر تۈركۇم ئەخلەتلەرنى تەرىيلەيدىغان بازا بۇلۇپ قالدى خالاس! نىمە ئۈچۇن ھەممە ئارزۇلايدىغان ئالى مەكتەپمۇ ياشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز؟ داۋامى بار مەنبە:سەرۋەڭ تورى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |