تارىخىي ماتىرىياللاردا "قازاق" دېگەنسۆز مىلادى 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى . بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ﻫەققىدە بۈگۈنكى كۈنگىچە ﻫەر خىل قاراشلار بار . قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدە تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە تارالغان بەزى رىۋايەتلەردە، قەدىمكى زاماندا بىر ئاق رەڭلىك غازنىڭ پەرىشتە شەكلىگە ئايلىنىپ ، بىر جەڭچىگە ياتلىق بولغانلىقى ، ئۇنىڭ ئەۋلادى " قاز - ئاق " (قازاق) دەپ ئاتالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ . بەزى ئالىملار بۇ سۆزنىڭ مىلادىدىن بۇۇرنقى 8 - 1 - ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ﻫازىرقى قازاقىستان زېمىنىدا ياشىغان ساك قەبىلىلىرىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا ، يەنە بەزىلەر مىلادى 4 - 5 - ئەسىرلەردە تۈركىي تىلىدىكى :قاسار" ياكى " قازار" قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . ئەينى زاماندا بۇ قەبىلە ﻫاززىرقى غەربىي قازاقىستان ، كاسپىي دېڭىزنىڭ "ئنەرەز كۆلى " دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشى دەل ئەنە شۇ "قاسار" ، "قازار" دېگەن نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك . يەنە بەزىلەر بولسا ، بۇ سۆز مىلادى 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاق ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئەبۇلخەيىرخاندىن ئايرىلىپ چىقىپ ، كېرەي سۇلتان بىلەن جانىبەك سۇلتان رەﻫبەرلىكىدە موغۇلىستان خانلىقىنىڭ يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . بىزنىڭ قارىشىمىزچە قازاق مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تەڭرىتاغ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ بىرى . ئۇلارنىڭ "قازاق" دېگەن نامى ئالدى بىلەن مىلادىدىن بۇرۇن 8 - ئەسىردە ناﻫايىتى كۈچىيىپ ، قەدىمكى يۇنان ۋە ئىرانغا ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرغان ساك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى ۋە مىلادىدىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن باشلاپ ، مىلادى 6 - ئەسىرلەردە ، ﻫەتتا ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ خېلى كۈچەيگەن قاسار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . چۈنكى مىلادى 15 - ئەسىردە ئالاﻫىدە كۈچلۈك بىر ئېتنىك تىپ بولغان قازاقلار دەل شۇ قەدىمكى قاسار قەبىلە ئىتتىپاقى ئىتتىپاقى ياشايدىغان زېمىنلاردا شەكىللەنگەن . لېكىن ، بۇ چاغدا ، قازاقلار بىرقانچە ئون كۈچلۈك تۈركىي قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاﻫىدە بىر ئېتنىك تىپ ئىدى . "قاسار" ( قازار ) سۆزى دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخىي " سۈينامە . تۆلەسلەر تەزكىرىسى " دە تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان . بۇ كىتابتا : " كانەا يەنى سەمەرقەندتنىڭ شىمالى ۋە ۋولگا دەريا ۋادىلىرىدا ئېتىل ، قاسار ، بۇلغار ، پېچېنېك ، چوغاي ، قىپچاق ، قىيات ، سۇۋان ، يەمەك ، قازار قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايدۇ " . دەپ بايان قىلغان . دېمەك ، ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە مىلادى 13 - 14 - ئەسىردە ئاق ئوردا خانلىقى شەكىللەنگەن دەر دەرياسىنىڭ شىمالىدىن باشلاپ ، شىمالدا غەربىي سىبىرىيە ، غەربتە ئېدىل دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا ياشايتتى . مىلادى 2 - 4 - ئەسىرلەر ئارىلىقىدا غەربىي ﻫۇنلار بۇ جايلارنى بېسىۋالدى . ۋە يېڭىدىن بىر ﻫۇن دۆلىتى قۇردى . بۇ چاغدا قاسارلار بۇ ﻫۇن دۆلىتىنىڭ تارمىقىغا كىردى . مىلادى 376 - يىلىدىن باشلاپ ، ﻫۇنلار جەنۇبىي روسىيە تۈزلەڭلىكى ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلارنى بېسىۋالدى . مىلادى 405 - يىلى شەرقىي رىم ئىمپېراتورلىقىنى يوقىتىپ ، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان ئاراللىرىغا ئىگە بولدى . مىلادى 441 - يىلى ﻫۇنلارنىڭ ئەڭ شۆﻫرەتلىك ﻫۆكۈمدارى ئاتتىللا ۋىنزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى يوق قىلىپ ، ئۇنىڭ يەرلىرىنى ئىلكىگە ئالدى . ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ، ئۇلار غەربكە كۆچكەنلىكتىن قاسار قاتارلىق قەبىلىلەر ئۇنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ ، ناﻫايىتى تېز كۈچىيىشكە باشلىدى ." سۈي سۇينامە . تۆلەسﻬلەر تەزكىرىسى" دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندىمۇ قاسار يەنى قازاقلار ﻫازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئەجدادلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . خەنزۇچە ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا بولسا ، قاسارلار كۈچەيگەن مەزگىلدە ، سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە قاراتاۋ تاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا قاڭلى قەبىلە ئىتتىپاقى ، قاڭلى قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ غەربى قىسمى ۋە ئۇرال تاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا ئالان قەبىلىلىرىنىڭ قاسارلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ناﻫايىتى كۈچلۈك ئىدى . ئۇلار تىل ، ئۆرپ - ئادەت ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىك جەﻫەتتە بىر - بىرىگە ناﻫايىتى يېقىن ئىدى . كېيىنچە ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالان قەبىلىلىرى ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان قىپچاقلار ۋە قاسارلار بىلەن بىللە كېيىنكى قازاقلارنى شەكىللەندۈرگەن . قاڭلى قەبىلىسىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدا يەنى ئىلى دەريا ۋادىلىرى ۋە غەربىي تەڭرىتاغ ، ئىسسىق كۆلنىڭ ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا بولسا ئۇيسۇنلار ياشايتتى . ( ئۇيسۇنلار ﻫەققىدە كېيىن تەپسىلىي توختىلايلى -ﻫە ؟ ئايچىۋەر ( ﻫۇنلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقى ئاياقلىشىپ ، ئۇيسۇنلارنىڭ بىر قىسمى پامىر تاغلىرىنىڭ ئەتراپىغا كۆچكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن تۇرغان جايلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى يەنى قاڭلى قەبىلىسىنىڭ تەركىبىگە كىردى . بۇ چاغدا قاڭلى قەبىلىلىرى غەربتە سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ، قاراتاۋ تاغلىرى ۋە چۇ دەريا ۋادىلىرىدىن ، شەرقتە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلارغا كېڭەيدى . شۇڭلاشقا مىلادى 4 - 5- ئەسىرلەردە ، ئۇيسۇن دېگەن نام ، تامامەن ﻫۆكۈمران قاڭلىلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى . شۇڭلاشقا ئۇيسۇنلار ﻫەققىدىكى مەلۇماتلار ئاز بولۇشىغا سەۋەب بولغان . مىلادى 552 - يىلىدىن كېيىن يەنى كۆكتۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، قاڭلى ، ئالان ، قاسار قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ، ﻫەتتا جايىق دەرياسى بىلەن ئېدىل دەريا ۋادىلىرى ﻫەم قاسار دېڭىزى ئەتراپىدىكى قىپچاقلارمۇ بۇ خانلىقنىڭ تەركىبىگە كىردى . بۇ چاغدا ، بولۇپمۇ قاڭلى قەبىلە ئىتتىپاقى بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تۈركەش ، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ، كۆكتۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ﻫۆكۈمرانلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى . نەتىجىدە قاڭلى قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ زېمىنىدا ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ تۈركەش خانلىقى ، قارلۇق خانلىقى ، قاراخانىيلار سۇلالىسى ، قاراقىتان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار قۇرۇلدى . ئەبۇلغازى باﻫادۇرخان يازغان "تارىخىي شەجەرەئىي تۈركىي" دە ، مىلادى 12 - ئەسىر ئىچىدە ، قاڭلىلارنىڭ ناﻫايىتى كۈچىيىپ ئۇرال ۋە جايىق دەريالىرىدىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ ، ئارال كۆلىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان تۈركمەنلەرنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانلىقى ، كېيىنچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ، ماۋەرائۈننەﻫر رايونىدىكى تۈركىستان ۋە بۇخارا ۋىلايەتلىرىگىمۇ ئىگە بولغانلىقى بايان قىلىنغان . )بۇ كىتابنىڭ بەزى جايلىرىدىمۇ بۇ ﻫەقتە سۆزلىنىپتىكەن ، تەرجىمە قىلىنماي ئەسلىسى بويىچە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ~ يوللاشنى ئەپسىز كۆردۈم . ئايچىۋەر ( مىلادى 1218 - يىلى چىڭگىزخان خارەزمشاﻫ رايونىغا ﻫۇجۇم قىلغاندا ، بۇ رايوندا ياشايدىغان قاڭلى قەبىلىلىرى ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن . شۇ يىلى قاڭلىلار بىلەن بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە قەدىمكى "توققۇز ئوغۇز" قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان قارلۇق قەبىلىسىنىڭ باشلىغى ئارسلانخانمۇ چىڭگىزخانغا بويسۇنغان . مىلادى 1220 - يىلى چىڭگىزخان خۋارەزمشاﻫ دۆلىتىنى يوق قىلىپ ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا ئىگە بولدى . مىلادى 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ، موڭغۇل يايلاقلىرى ئېغىر ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كىرىپ قالدى . بولۇپمۇ مىلادى 12 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا ، ئەسلىدە ئۆتۈكەن تاغلىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي قەبىلە كېرەيلەر بىلەن موڭغۇل بۆرتەجىن قەبىلىسىنىڭ باشلىغى يېسۇكەي (چىڭگىزخاننىڭ دادىسى . بەزى مەنبەلەردە يەسۇگەي دەپمۇ تىلغا ئالىدىكەن بۇ ئىسىمنى . ئايچىۋەر ( باتۇر ئىتتىپاق تۈزۈپ ، باشقا موڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقى بولغان "ئاق تاتار" لارغا قارشى قىلغان ئۇرۇشى موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ناﻫايىتى كەسكىنلەشتۈردى . مىلادى 1184 - يىلى ئېسۇكەي ئاق تاتارلار تەرىپىدىن زەﻫەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى تېمۇچىن . 9 ياشتا يىتىم قالدى ﻫەم كېرەيلەرنىڭ باشلىغىنىڭ تەربىيىسىگە كىردى . مىلادى 1196 - يىلى چىڭگىزخان "قارا تاتارلار" نىڭ ( موڭغۇللارنى دىمەكچى -- ئايچىۋەر ) باشلىغى بولۇپ تەيىنلەندى . لېكىن قارا تاتارلارغا مەنسۇپ جادىراد قەبىلىسىنىڭ باشلىغى جامغا مېركىت قەبىلىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا چىڭگىزخانغا قارشى توپىلاڭ قىلىپ ، ئۆزىنى "گۆرخان" يەنى خانلارنىڭ خانى دەپ ئاتىدى . بۇ چاغدا چىڭگىزخان ئاق تاتارلارنى ئۆزىگە ئەل قىلىپ ، جامخاننى يوقاتماقچى بولىدۇ . نەتىجىدە ، ئوڭ خان جامغا بىلەن بىرلىشىپ ، چىڭگىزخاننى يوقاتماقچى بولىدۇ . مىلادى 1202 - يىلى ئوڭ خان چىڭگىزخان ئوتتۇرىسىدا جەڭ پارتلايدۇ . بۇ جەڭدە ئوڭ خان ئۆلتۈرىلىدۇ . بۇنىڭغا قاراشلىق كېرەيلەرنىڭ بىر قىسمى چىڭگىزخاننىڭ ئىلكىگە ئۆتىدۇ . يەنە بىر قىسىملىرى بولسا ئالتاي تاغلىرىدىكى نايمانلار تەرەپكە ﻫەتتا يەتتە سۇ رايونىغا قېچىپ كېلىدۇ . مىلادى 1204 - يىلى چىڭگىزخان جامغا ۋە كېرەيلەرنىڭ نايمانلارغا قاچقانلىقىنى باﻫانە قىلىپ ، نايمان خانلىقىنى يوق قىلىپ ، ئۇنىڭ باشلىغى تايانخاننى ئۆلتۈردى . نەتىجىدە ، ئۇنىڭ ئوغلى كۈچلۈككە ئەگىشىپ ، نايمان ۋە كېرەيلەر تالاس ، چۇ دەريا ۋادىلىرىغا كۆچتى . لېكىن ، مىلادى 1218 - يىلىدىن باشلاپ ، بۇلار چىڭگىزخاننىڭ ئىلكىگە ئۆتتى ۋە كېيىنچە چاغاتاي ئولۇسىغا تەقسىم قىلىندى .( بۇ توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات ~ مۇنبەردە "تارىخقا نەزەر : سەﻫىپىسىدە بار ، شۇڭا تەپسىلىي توختالمىدۇق . ئايچىۋەر ) شۇنداق قىلىپ مۇنداق خۇلاسىنىمۇ چىقارماقچىمىز : قازاق مىللىتى مىلادىدىن بۇۇرنقى بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان ساكلار ، مىلادىدىنىڭ ئالدى - كەينىدە ياشىغان قاسارلار (قازارلار) ، ئالانلار ۋە قاڭلىلار ، ئۇيسۇنلار ۋە كېيىنكى جالايىر ، كېرەي ، نايمان قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىدىن پەيدا بولغان . بۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ، بولۇپمۇ چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن باشلاپ ، مىلادى 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ ئومۇمەن << قازاق>> دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان . مەنبە : << شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >> >> قازاقلارنىڭ قىسچە تارىخى >> دىن پايدىلىنىلدى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |