سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى(2)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-17 13:04مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم


    پاتىخ مۇسلىموفنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسى نىلقا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى شەرىقتىن غەرىپكە سوزۇلغان كۆك قامىر تېغىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئۇلاستاي قىشلىقىغا بېرىپ ، ئەكبەر باتۇر ، سىيېت باتۇر ، غېنى باتۇر ( غېنى ئۇغرى ) ئىۋان شۇتۇۋ ، مولداجان ، ناۋان قاتارلىق ئەزىمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ، قوراللىق كۈرەشنى باشلىدى . ئۇلار ھەركەت باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇلاستاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىشلاقلاردا ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ ، ئۇلارنى قوراللىق كۈرەش قىلىشقا تەشكىللىدى . نىلقا پارتىزانلىرىغا پاتىخ مۇسلىمۇۋ ، ئەكبەر ، غېنىلار باشچىلىق قىلدى . ئىنقىلابىي ھەركەتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلگەن گۇمىنداڭ تەرەپ ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلاستايغا 30 ئەسكەر ئەۋەتتى . 1944 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كىنى ( رۇزا ھىيت نامىزى كۇنى ) پارتىزانلار تۇنجى قىتىم گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىپ ، ئۇلارنى تارمار قىلدى . بۇ جەڭدىن كېيىن خەلقنىڭ قوراللىق كۈرەش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئىككىنجى قېتىملىق ئاساسلىق جەڭ نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولدى . بۇ جەڭدە 500 گە يىقىن ئاتلىق پارتىزان قاتناشتى . پارتىزانلار 10 - ئاينىڭ 23 - كۇنى نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئازات قىلدى . گۇمىنداڭ داھىرلىرى چۆچۈپ كېتىپ ، غۇلجىدىكى ھەربىي كۈچلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەپ ، ئارقا - ئارقىدىن نىلقىغا ئەۋەتىپ ، نىلقا ناھىيەسىگە توت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى . نىلقا ناھىيە بازىرىنى تارتىۋالدى . ئەنە شۇنداق جىددى جەڭ بولۇۋاتقان كۈنلەردە غۇلجىدىن ئادەم كېلىپ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى غۇلجىغا بېرىپ ، 11- ئاينىڭ 7 - كۈنى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۇقتۇردى . شۇ كۇنى 1000 دىن ئارتۇق ئاتلىق پارتىزان ( 350 چە پارتىزاندا ھەر خىل قورال ياراق بار ) مازاردىكى گۇمىنداڭ قىسىملىرىنى ئوققا تۇتۇپ يول ئېچىپ ، تاغ يولى بىلەن غۇلجىغا قاراپ ئاتلاندى . 11 - ئاينىڭ 7 - كۇنى شەرقتىن نىلقا پارتىزانلىرى ، غەرىپتىن قورغاس پارتىزانلىرى غۇلجا شەھەردىكى قوزغۇلاڭغا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن جەڭ قىلىپ ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى گومىنداڭدىن ئازات قىلدى . غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ ، ئايدۇرۇمىغا قېچىپ كىرىۋالغان گومىنداڭ قۇشۇنلىرى 1945 - يىلى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاخىرى تارمار بولۇپ ، غۇلجا شەھىرى تولۇق ئازات بولدى .  
   نىلقا تاغلىرىدىن باشلانغان ئىنقىلاب ئىلى ، ئالتاي ، تارباغاتاي ۋېلايەتلىرىگە كىڭىيىپ . 1945-يىلى9-ئاينىڭ 16 - كۇنىگە كەلگەندە ، بۇ ئۈچ ۋېلايەتنىڭ 27 ناھىيىسى تولۇق ئازات بولدى .

ئالمىزار تورى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(16)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !