ئادەم بىلەن تولۇپ-تاشقان چەكسىز كەڭ دالا. بىرى ماختار ئاشلەڭپۇڭنىڭ باش سىركىسىنى. "مۇزداۋاننىڭ – مۇزى بۇ!" دەپ، چىقسا دوغاپچى، "قينىڭ گۆشى – گىچچىدە ماي!.." دەيدۇ كاۋاپچى. بىر تەرەپتە مەدداھ ئوقار رۇستىمى-داستان. بىر تەرەپتە ھورى چىقىپ كۆتىرىلەر قاسقان. بىر تەرەپتە غەزەل ئېيتار ۋەيرانە ئاشىق، توپ-توپ بولۇپ، دولقۇنلىنار مەيداندا خەلىق. مەيدان ئارا ئەل كۆزىنى باغلايدۇ – سەرگا، (بىر مىنۇتتا تۈرلۈك تاماق قىلىدۇ تەييار). ئالماش كىيىم كىيىپ ئېلىپ، موللاقچى-دەرۋاز، ئېگىز چىغرىق ئۈستىدە ئۇ قىلىدۇ پەرۋاز. بىر تەرەپتە سوقۇشتۇرار قوشقارنى بەگلەر، "تاماشىنى..." تەتۈر كۆرەر ئايرىم بەڭگىلەر. بىر تەرەپتە كىتاپ ئېچىپ، ئولتىرار پالچى، بۇنىڭ بىلەن ئەلنى ئالدار قانچە يالغانچى... مۇندا جۈرەر قىز-جۇگانلار پەرەنجى پۈركىنىپ، بەزىلىرى قاچار خۇددى كەپتەردەك ئۈركۈپ. چۈمپەردىدە پۈتۈن ئەتراپ كۆرۈنەر غۇۋا، لېكىن سۆيگەن يارى بىلىنەر "توۋۋا!" يارى بىلەن ئۇچرىشىدۇ پەيتىنى تاپسا، ئامما ئۇلار سۆزلىشەلمەس ئەركىن، كەڭ-تاشا. ٭٭٭ كۈن ئېگىلىپ، پېشىن بولۇپ "قاينىدى ئويۇن"، شەھەر ياقتىن كۆتۈرۈلدى قاپ-قارا كۇيۇن. بىر ھازادا جاللاتلارنى سېلىپ كەينىگە، دوتەي-شەڭەن، دارىنلارمۇ چىقتى سەيلىگە. جو٭ ئۈستىدە زالىم دوتەي ئولتىرار بۇتتەك، پىلدىرلايدۇ جۇمۇك كۆزى نۇرسىز چىراقتەك. ئاي گۈلى بار قارا توگا چاپاننى كىيىپ، سېرىق ئېيىق تېرىسىگە تۇرار يۆلىنىپ. ئەپىيۈن بىلەن زەھەرلەڭەن تېلەتى سۆرۈن، بوينى خۇددى قاقىرلاردەك، كالپۇگى قېلىن. بېشىغا ئۇ كىيىپ ئېلىپ ئۇزۇن موزىنى٭ قاداپ ئالغان ئۈستىگە ھەم مەڭسەپ توزىنى٭ ئەمەلدارلار قارشى ئېلىپ ئاتىدۇ پونى، خەنسۇ، ئۇيغۇر يوقسۇللىرى كۆتەرگەن جونى. جونىڭ ئىككى تەرىپىدە ئونلاپ يايىلار، دوتەي بىلەن ماڭار بىللە سېلىپ سايىلار. قانلىق ئىلان قامچىسىنى ئوينىتار جاللات، جو كۆتەرگەن مېھنەتكەشلەر قىلىدۇ پەرىيات. باي، فېئودال، پومېشىكلار قوشتۇرۇپ قولنى، "ئۇلۇقلارغا!" باش قويۇشۇپ، بوشىتار يولنى. ماڭدى ئۇلار خاس ياسالغان ئازادە ئۆيگە، ئەل قېنىدىن بويالغان ئۇ "قىزىل چېدىرگە". ئۇلار ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينار، "قانچە سەتەڭلەر، قانچە گۆزەل، قانچە نازۇك قانچە سەنەملەر..." توپنى يېرىپ چىقىپ كەلدى بىر قاۋۇل جىگىت، بېشىدا ئاق قالپىغى بار گوياكى بۈركۈت. بەستى تولۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، بوي تۇرقى ئورتا، گاڭگۇڭلاردەك ئۇنىڭمۇ ھەم بېلىدە پوتا. شىرغا ئوخشاش كۆكرىگى كەڭ، قوللىرى كۈچلۈك، كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرار بايلارغا ئۆچلۈك. بەدەنلىرى ئەمگەك بىلەن چىنىققان-قاتقان، كىچىككىنە قارا بۇرتى ئەندى خەت تارتقان، يېتىپ كەلدى مەيداڭھا ئۇ ئەركىن مېڭىشتا، بەلكى موشۇ جىگىت چۈشسە، يېڭەر چېلىشتا. قەيسەرلەردەك قاراتتى ئۇ ئەركىن كېزىپ، تۇرار ئېدى بىر نەرسىنى جۈرىگى سېزىپ. جىگىت خەلىق دولقۇنىغا قاراپ قالدى جىم، ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە كۆرۈنمەس ھېچ كىم... ئازدىن كېيىن ئالدى جىگىت ئۆزىنى ئوڭشاپ، تۇرۇپ كەتتى ئەتراپتىكى ۋاڭ-چۇڭنى تىڭشاپ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |