قىز كۆڭلىنى باسقان ئېدى قايغۇ بىلەن غەم... ئاتا-ئانا بىلەر ئېدى قىزنىڭ سىرىنى، بىلەر ئېدى ھەتتا ئۇنىڭ چىن سۆيگۈسىنى، لېكىن ئۇلار بىلمەس بولۇپ جۇرەتتى دايىم، دەتتى يوشۇرۇن: «مۇرادىغا يەتكۈز، خۇدايىم!» قىز سۆيەتتى بىللە ئۆسكەن جىتىم نودەرنى، لېكىن قەلبى سېزەتتى بىر دەھشەت-خەتەرنى. چۈنكى كۆپلەپ بەكزادىلەر ئەگىپ جۈرەتتى، قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كۆرەتتى. ياقتۇرماتتى قىز ئۇلارنىڭ ماراشلىرىنى، ئاچ بۆرىدەك كۆز ئالايتىپ قاراشلىرىنى. بېرىلمىدى قىز ئۇلارنىڭ شايى رەختىگە، ئالدانمىدى ئالتۇن-كۈمۈچ، تاجى-تەختىگە. ئۇ ساقلالىدى نودەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى، ئۇ بىلەتتى چىن ئىشىقنىڭ ئۆلمەس بەختىنى... بىرىنچى باپ. |