دالادىكى ناخشا ئالتۇن كۈز ھەم يېتىپ كەلدى، ئورۇلدى بۇغداي، بۇغدايلىقتا ئويناپ جۈرەر بۆدۈنە، تورغاي. سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىپ، ئېتىز-ئېرىقلار، پىشىپ قالدى كەنجە تەرگەن گۆلەڭ، تېرىقلار. پۈتۈن يېزا خەلقى يامراپ كەتكەن ئېتىزغا، لېكىن ئېتىز قوينى زاردۇر جۇگان ۋە قىزغا. چۈنكى شۇندا بىر تۈركۈم جۇت بەگ-فېئوداللار، ئون ئايالنى بىر توخۇدەك كۆرمىگەن ئۇلار. تېخى يەنە "چېچى ئۇزۇن - ئەقلى كام..." - دەتتى. موشۇ پەتۋا كۆپ قىزلارنىڭ بېشىغا يەتتى. قانچە گۆزەل پاك جۈرەكلەر سولاڭھان ئۆيگە، ئۇلار تىرىك كۆمۈلگەن شۇ قاراڭغۇ "گۆرگە". بىرمۇ ئەركەك كۆرۈنمەيدۇ ھازىر يېزىدا، ھەممە ئادەم ئوما ئورار چەكسىز ئېتىزدا، ئەڭگە باينىڭ ئېتىزىدا بۈگۈن چوڭ ھاشىر، ئەينە تىڭشا، كەڭ دالادا ناخشىلار ياڭرار. ئومىچىلار ناخشا ئېيتار، نودەرجان باشلىق، قىيغىتىدۇ كۈز شامىلى يەلپۈنەر ئاشلىق، نودەر باشلاپ ئۆزى سۆيگەن مۇڭلۇق ناخشىنى، ناخشىلارنىڭ ئىچىدە ئۇ بىلەر ياخشىنى، ناخشا "جۇنۇن" ئاھاڭىدا چىقتى جاراڭلاپ، ئەلەم چەككەن جۈرەكلەردە كەتتى باراڭلاپ... ناخشا: "تاغ ئارىلاپ كەلگەن شامال سېنى ئەسلىتەر، تاڭدا كۈلۈپ چىققان چولپان سېنى كۆرسىتەر. سېنى دېدىم، سېنى دېدىم، كەچتىم بۇ جاندىن، جۈرەك باغرىم پارە - پارە، كۆز يېشىم قاندىن. سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم --- بىر جان ئەمەسمۇ؟... سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ؟" "...ياشا، نودەر! ئۆلمە، نودەر، كام بولما ھەرگىز"، --- دېگەن ئاۋاز تولۇپ تاشتى ھەر كىمدە چەكسىز. شۇ ئارىدا ئەڭگىز باينىڭ زالىم دوغىسى، ھاجى كەلدى، ئاستىدا شوخ قارا يورغىسى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېدى ئىككى يالاقچى، بۇلار بولسا كۈندۈزى بەگ، تۈندە قاراقچى. ھاجى قايناپ، قامچا سىلكىپ، ۋالاقلاپ كەتتى. ئالا قۇيرۇق سېغىزغاندەك ۋالاقلاپ كەتتى. "... نېمانچىلا جاقىرايسەن، ئوما ئورماستىن؟ Or ئوماڭنى، كۆز ئالايتىپ قاراپ تۇرماستىن! تونۇشمامسەن كىم بولىدۇ ئالدىڭدا تۇرغان؟ ئەڭگە باينىڭ دوغىسى مەن جۇتنى سورىغان. ئوتتۇز شاڭنى بۈگۈن ئورۇپ تۈگىتىش كېرەك، كىملىگىمنى ھەربىرقايسىڭ بىلىشىڭ كېرەك؟!" ئاچ بۆرىنىڭ ئەلگە قاراپ تىكلەندى كۆزى، شۇ ئارىدا تاشتى قايناپ سادىرنىڭ سۆزى: "... ئوتتۇز جىلدىن تارتىپ ئۇبدان بىلىمىز سېنى! قامچاڭ بىلەن تۆكۈلدى كۆپ يوقسۇللار قېنى. ناخشىنىمۇ ئېيتقۇزمامسەن ئەندى ياشلارغا، ناخشا مەدەت بېرەر بىزنىڭ غەملىك باشلارغا... بىر گەپ بولسا، "ئەڭگە باينىڭ دوغىسىمەن" دەپ، تويمىدىڭمۇ، يوقسۇل ئەلنى بۇلاپ – تالاپ يەپ؟!..." ئاتتىن ئىرغىپ چۈشتى دوغا، قامچا سېلىشقا، لېكىن چامى يەتمەي قالدى ئانداق قىلىشقا. چۈنكى مايەن پەشۋا بىلەن تەپتى ئىڭەككە، يالاقچىسى ئاتنى چاپتى زومىگەر بەككە. ئېتىزلىقتا ياتار ئەينە، ئاغزى قان دوغا، بىر يالاقچى قاپاق ئېلىپ، جۈگەردى سۇغا. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزى بۇرنى جۇيۇلدى، تىلغا ئېلىپ بولمايدىغان سۆزلەر قۇيۇلدى. يېنىدىكى يالاقچىمۇ كەتتى گۈكۈرەپ، نودەردىن ئۇ بىر مۇشنى يەپ ياتتى ھۆكۈرەپ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |