دەرتلىك ئاھاڭ ياڭرار ئېدى راۋاپ تارىدىن. سەيپۇڭلارمۇ جۇگا ئۈچۈن كېسەتتى تېرە، بىر ساتراش ئۇستۇر بىلەن تۇراتتى ئۆرە. تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىدىن ئۇچقۇنلاتتى ئوت، ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنەتتى دۆڭدىكى تاش بۇت. كۆك مېچىتنىڭ دوك مەزىنى چىقىپ پەشتاققا، قۇلاق تۇتۇپ ئەزەن ئېيتىپ قاراق ھەر ياققا. "پېشىن بوپتۇ" دېدى سايرام مەزىڭە قاراپ، يولنى داۋام قىلدى يەنە نودەرنى ئويلاپ. ئاخىر جىگىت چىقتى ئاستا پاتقاق كوچىدىن، بىر سېغىزغان سايراپ ئۇچتى دەرەق ئۇچىدىن... ماۋەن بوۋاي كۆز ئەينەكنى تاقاپ كۆزىگە، رەھمى كېلىپ، ئېچىڭھاندەك قارار ئۆكۈزگە. ئۆكۈز ئېغىر تارتىپ ماڭار ھارۋۇنى كۈچەپ، ئالېكسېي ھەم ھايدار ئېدى ھە دەپ دېۋەيلەپ. قىزىل ئۆكۈز قويۇق پاتقاق ئىچىدىن چىقىپ، كۆك مېچىتنىڭ ئالدىدا ئۇ تىندى دەم ئېلىپ. ئازدىن كېيىن ئالدى تاغام قامچىنى قولغا، يەنە ھايداپ كەتتى "ھوش!" دەپ ئۆكۈزنى ئالغا. سايرام بولسا، كونا گىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شەھەر ياققا قارار ئېدى دىققەت كۆز سېلىپ. كۆز ئالدىدا تۇرار ئېگىز سېپىل كېرىلىپ، ئۇنىڭ مۇدھىش مۇنارى ھەم تۇرۇر يېيىلىپ. دەھشەت سېلىپ، كۆرسەتمەتتى شەھەر ئىچىنى. "دەن دەرۋازا" دەتتى خەلىق موشۇ كوچىنى. بۇ كوچىدا جايلاشقان كۆپ قاۋاقخانىلار. شېشىخال ھەم بەشلەڭ٭ بىلەن قىمارخانىلار. مۇندا جۈرەر شەڭەننىڭكى مەخسۇس ئادىمى، چوتۇ جىغار ھەر تاۋكادىن ئۇلار ھەر كۈنى قەمەر لوزۇڭ قولغا ئېلىپ ئوقۇدى ھۆكۈم: "بۇ قاراقچى بايانداينىڭ يولىنى توراپ، ئېلىپ قاچقان دوتەينىڭ مېلىنى بۇلاپ. ئۈچ كۈن بولدى دوغلان ئوغرى قولغا ئېلىندى. بۈگۈن مانا ئۆلۈمگە بۇ ھۆكۈم قىلىندى!" "دوغلان!" – دېگەن تونۇش ئىسىم ئاڭلاڭھان ھامان، ئاتنى ئۇرۇپ سايرام ئالغا ماڭدى شۇ زامان. توپنى يېرىپ، ئاتقان ئوقتەك كىردى مەيداڭھا، جۇلۇپ ئالدى دوغلاننى ئۇ ئاتنىڭ ئالدىغا. "باس!" دېدىدە، ئىككى قامچا ئۇردى ئېتىنى، قەمەر لوزۇڭ تۇتۇپ قالدى ھۆكۈم خېتىنى. چىقىپ كەتتى مەيداندىن ئۇ شامالدەك ئۇچۇپ... پايپېتەك بوپ قالدى جاللات ئۆزىنى ئۇرۇپ... "رەخمەت ساڭا، جىگىتكەنسەن!" دېدى جامائەت، تورۇق ئاتلىق ئادەمگە چىڭ باغلاپ مۇھەببەت. ئازدىن كېيىن قىلچ سىلكىپ "قەھرىمان" جاللات، ھەر تەرەپكە چۇقان سېلىپ كۆتەردى پەرياد. ئۈچ-تۆرت چېرىك يېتىپ كەلدى ئېسىپ قىلىچنى. ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى ھېلىقى كىشىنى، لېكىن سايرام ئاللىقاچان بولغاندى غايىپ، چېرىكلەر ھەم قايتتى كەچ رەنجىشىپ-قايىپ. بۇيرۇق بىلەن ھەر تەرەپكە كەتتى ئايغاقچى، شىپاڭلىتىپ قۇيرۇغىنى قانچە يالاقچى... ٭٭٭ -------------------------------------- ٭شېشىخەل، بەشلەڭ --- قىمارنىڭ بىر تۈرى. مەزمۇننى قالايمىقان كۆچەرمەڭ.. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |