ئۆيدىن چمقمپ قاراپ كەتتى ئېگىز دەرەققە. كۆرەلمىدى بىراق ئۇنى دەرەق ئۇچىدىن، شۇ چاغ ئوغلى تويدىن قايتىپ، كىردى كوچىدىن. ئاتىسىغا كۆزى چۈشۈپ توختىدى دەررۇ؛ تۈئەپ ئالدى قولىدىكى غېجىگىنى ئۇ. جىگىت خوشال قىلماق ئۈچۈن چالنىڭ دىلىنى، سۈركىۋەتتى غېجىگىگە ئىنچىك قىلىنى. نەپىس تىترەپ، جاراڭلىدى غېجەك ساداسى، ئۇزاقلارغا ئېلىپ كەتتى تاڭنىڭ ھاۋاسى. ياڭراپ كەتتى ئەرخان٭ كۈيى يېزىنى بويلاپ؛ راھەتلىنىپ ئاڭلىدى چال بىر نېمە ئويلاپ... ئۇزۇن، شالاڭ ساقىلىنى سىلاپ قېرى چال، بېشىن تۇتۇپ، يەرگە قاراپ قىلماقتا خىيال. خىيالىدا ئەكىس ئېتەر ياشلىق چاغلىرى، ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىشىپ ئۆسكەن باغلىرى. ئۆتكەن ئۆمرى بىرلەپ ئۇنىڭ چۈشتى يادىغا، دوستى ئېلەم غەملىك چىراي كەلدى ئالدىغا. ئازدىن كېيىن ئوغلى ياققا بۇرۇلۇپ ماڭدى، ئۇ قەدىردان غېجىگىنى قولىغا ئالدى. شورا ئاتلاپ نودەرمۇ ھەم چۈشتى شۇ چاغدا، پەرەڭ ياغلىق گۈلەم غىل-پال كۆرۈندى باغدا. ياڭرىدى ساز نودەرنىڭ قەلبىنى ئېزىپ، تۇرۇپ قالدى جىگىت تىترەپ، بىر نېمە سېزىپ. چۈنكى موشۇ دەرتلىك ئاھاڭ كەلتۈردى ئاڭا، ئازاپ چەككەن ئاتىسىنى ئەسلىتىپ يەنە. بۇ ئاھاڭنىڭ سىرىنى چال بىلەتتى پەقەت، "ئاتاڭ ئېلەم سۆيگەن بۇنى..." دېگەن قانچە رەت. شۇڭلاشقا بۇ قاتتىق تەسىر قىلىپ جىگىتكە، ناخشا باشلاپ كەتتى بىردىن مۇڭلۇق غېجەكتە. نودەرنىڭ ناخشىسى: "ئۆز ئاتامنىڭ سىردىشى، سەن، ئۆتتۈڭ دەرت چېكىپ، چولپان بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، كەلدىم باش ئېگىپ. كەچۈر مېنى! مەجنۇن بولۇپ كەتتىم شۇ كۈندە، يار ئىشقىدا باغ ئارىلاپ جۈرىمەن تۈندە. بەگزادىلەر چىماق سېلىپ، چىقتى چىدالماي، سەندىن ئۆزگە غەمخورلۇق يوق، مەن قايان باراي؟!" چال قەلبىگە ئوت تۇتۇشۇپ، گۈلدۈرلەپ ياندى، غېجەكنىڭ ساداسى ھەم يەنە ئۇلغايدى... مايەن بېرىپ، ئۆز دوستىنى ئالدى قۇچاقلاپ، ناخشىسى ھەم ياڭراپ كەتتى يېزىنى چۇلغاپ. مايەن: "ئۇرۇق-تۇققان، قېرىندىشىم، قەدىردان نودەر سەن مېنىڭكى كۆز قارچۇغۇم، ئۇپۇرماس گۆھەر، سېنىڭ بىلەن بىردۇر مېنىڭ تۇغۇلغان جۇتۇم، بىردۇر مېنىڭ تا مەڭگۈگە جۈرىگىم، دوستۇم. تارتىنماستىن سىرىڭنى ئېيت، ئاتام ئاڭلىسۇن... دەرت –ئالەملەر ئوتلۇق ناخشا بولۇپ ياڭرىسۇن..." نودەر: "زالىم بەگلەر گۈلەمخاڭھا ئەلچى قويۇپتۇ، زۇلۇم تىغى جۈرىگىنى چوڭقۇر ئويۇپتۇ. رۇخسەت بەرسەڭ، ئېلىپ كېتەي قىزنى جىراققا، پەرۋانىدەك ئىنتىلىمەن ياڭھان چىراققا. ئىشەن، ئاتا، تاماق ئۆتمەس بوغۇزۇمدىن ھېچ، ئەيىپ بولسا كەسسۇن مېنىڭ بوينۇمنى قىلىچ..." قوغۇشۇندەك ئېرىپ كەتتى چالنىڭ جۈرىگى. بۇلبۇل كەبى سايراپ تىندى مۇڭلۇق غېجىگى. ئېرىپ ئاققان جۈرىگىدە غەزەل دولقۇنلار، چىرايىدا تامام ئۇنىڭ ئەلەم ئۇچقۇنلار... كۆزلىرىدىن تۆكۈلدى ھەم تامچا-تامچا ياش، تەلمۈردى چال كۆككە قاراپ، كۆرۈنمەس قۇياش. چال ئالدىدا ئىككى جىگىت تۇرار باش ئېگىپ، ھەر ئىككىسى كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئېلىپ، جىگىتلەرنى تەكلىپ قىلدى بوۋاي قېشىغا، سۆيۈپ قويدى نودەرنىڭكى غەملىك بېشىغا. ئاتىدارلىق مېھرى بىلەن سېلىپ چىن سايە، (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |