شۇڭلاشقا دەر ئۇ سايرىسا "ۋەيران بولار جۇت". يوقسۇل دېخان ئۇخلار تېپ-تېچ ھارۋۇ تېگىدە، ئاتلار بولسا تۇرىشىدۇ ئۇنىڭ يېنىدا. ئۆكۈزلەر ھەم تاپتى پۇراپ كونا خاماننى، ئۇلار ئەينە كۆشەپ ياتار ئەسكى ساماننى. بىر ۋاقىتتا سادىر ئويلاپ كەتتى ئۇيقىدا، ئۇنى ئېغىر غەم باسقاندى ئەشۇ تۇقىدا: - "... ئوتتۇز بىر جىل ئىشلىدىم مەن ئەڭگە چولاققا! ئۆمرۈم ئۆتتى ئېگە بولماي بىرمۇ ئۇلاققا. سايە قىلما ھېلىگەرلەر، تۇتما قىزىمنى، مالايلىققا بېرەلمەيمەن ئۇ يالغۇزۇمنى!... قۇلدەك ئىشلەپ، خورلاندىم مەن ئەشۇ زالىمغا، يەتكىنى يوق بىرمۇ قېتىم مېنىڭ ھالىمغا. ئايالىممۇ ئون نەچچە جىل نېنىنى ياقتى، ئىسسىق تومۇز ئاپتاپلاردا جانلىرى ئاقتى. بۇ دەھشەتلىك ئېغىر كۈنلەر مەن بىلەن كەتسۇن، نودەر بىلەن ئەزىز قىزىم مۇراتقا يەتسۇن!..." ٭٭٭ چۆچۈپ كېتىپ بوۋاي بىردىن ئاچتى كۆزىنى، سوغ شاماللىق بېنەملىكتە كۆردى ئۆزىنى. قالايمىقان چۈش كۆرگەچكە بۈگۈن كېچىدە، بىر نېمىنى ئوقىدى ئۇ ئاستا ئىچىدە... نودەر بولسا يېتىپ كەلگەن ئېدى بېنەمگە، ئىشتا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قېرى ئادەمگە. "سالام ئاتا!" – دەپ نودەرجان ئاستا ئىڭىشتى، "ۋائالەيكۈم..." – دەپ بوۋايمۇ خوشال كۆرۈشتى، بۇ ۋاقىتتا تاڭمۇ ئېتىپ، چىققان ئېدى كۈن. لېكىن بۇلۇت كۈن يۈزىنى قاپلىغان پۈتۈن. سادىر بوۋاي نودەرجاڭھا سەپ سېلىپ شۇندا، سورىدى ئۇ: "نېمە گەپ بار ئۆي-ئىچى جۇتتا" "تېچلىق-ئامان، ئۆزگىرىش يوق"، - دېدى نودەرجان. كۆز ئالدىدىن دەررۇ ئۇچۇپ ئۆتتى گۈلەمخان... "رەخمەت، نودەر، كەپسەن ۋەدەڭدە تۇرۇپ، قوش سالىمىز بۈگۈن يەرگە، كەتمىسۇن قۇرۇپ". "خوپ بولىدۇ، قانچىلىك ئىش بولسا، مەن تەييار". "ياشا ئوغلۇم! مەخسەتكە يەت، بولما ئەبەد خار". "ئوغلۇم!" دېگەن سۆز جىگىتكە بەخىت سېزىلدى، قەلبىگە ھەم گۈلەمخاننىڭ نامى يېزىلدى. ئۇلار تولۇق تەييارلىدى بارلىق ئىشىنى، سادىر باشلاپ يەرگە سالدى قوشنىڭ چىشىنى. "ھوش-ھوش! تاش-تاش!" – دېگەن ئاۋاز ياڭرىدى شۇ چاغ، كۆزگە كۆرۈنەر دۆڭلۈك بېنەم، ئېگىز ئابرال تاغ. تاغ شامىلى يەلپۈمەكتە ئاتنىڭ يايلىنى، جىگىت سۆيەر خىيالىدا گۆزەل يارىنى.. ئىككىنچى باپ |