ئۇ جۇتلارنىڭ شۇملۇغىنى ئەندى ئۇنۇتما! ئاتاڭنىڭكى قاتىلىغا تىككەن كۆزۈڭنى، بەلكى شاڭيو پايلاپ جۈرەر سۆيگەن قىزىڭنى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغلۇم، سىلەر بولۇپ ئىتتىپاق، زالىملارغا كۈرەش بىلەن بېرىڭلار جاۋاپ!"- چال غاڭزىنى قاقتى يەرگە ئىككىنچى توختاپ، نودەر ئالدى مايەننى چىڭ بىردىن قۇچاقلاپ. ئىككى ياشنىڭ جۈرىگىدە جەڭگىۋار تىلەك، "كۈرەش!" – دېگەن ماۋزۇ بىلەن چىقاردى چېچەك. زور خوشاللىق بىلىنەتتى چالنىڭ كۆزىدە، ئوچۇق ئېيتتى نودەرگە ئۇ ئاخىر سۆزىدە: "...غەم قىلمىغىن، ئوغلۇم نودەر، گۆزەل يارىڭدىن، بىلدىم سېنىڭ دەردىڭنى مەن ئاھۇ-زارىڭدىن. بەگزادىلەر ئالالماس ھەم سۆيگەن قىزىڭنى، بۇ توغرىلىق ئاڭلا، ئوغلۇم، ئەندى سۆزۈمنى: ئۆتكەن ئاخشام دوستۇم سادىر كېلىپ مۇڭداشتى، قىز ھەققىدە ئازدىن كېيىن ئۆزى سۆز ئاچتى. سادىر سېنى بالاقۇلۇن قىلماقچى پەقەت، بەش-ئالتە ئاي سورايدۇ ئۇ ئۆزىگە مۆھلەت. چۈنكى، ئوغلۇم، ئايرىم ھوجرا سالماقچى سادىر، ساڭا مەلۈم، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ ھازىر. مېنىڭ بولسا ئەھۋالىممۇ ساڭا ئىايلىقلا، ئۆزەڭمۇ ھەم ئىشلەپ كەلدىڭ باغا ئايلىقلا. ئايلىق پۇلۇڭ قامدامايدۇ تۇتقان ئۆيۈڭنى، كېچە-كۈندۈز يەيمەن، نودەر، سېنىڭ غېمىڭنى. جۇت ئالدىدا بالاقۇلۇن بولغان بىلەن سەن، ئۆي دېگەڭە كېرەك، ئوغلۇم، قازان-قومۇچ ھەم. سادىرنىڭمۇ كۆڭلىدە شۇ-ئاساسى غەرىزى، بىرە قۇر ئۆي-جابدۇق قىلىش ئاتىنىڭ قەرزى. دار ئالدىدا كۆرسىمۇ ھەم سادىر ئۆزىنى، بەگزادىگە قەتىي بەرمەس يالغۇز قىزىنى. لېكىن زالىم ئەڭگە چولاق تويمىغۇر گەكسى، گۈلەمخاڭھا كۆزى چۈشسە، قويمايدۇ نەپسى. ئەندى، ئوغلۇم، يارىڭنى سەن قاچۇر ئۇنىڭدىن، ئۆزەڭ دايىم ھوشىيار بولغىن ئەينە شۇنىڭدىن. قارشى چىقسا، كۈرەش قىپ ئال سۆيگىنىڭنى سەن، شەرەپ دەپ بىل، موشۇ يولدا ئۆلگىنىڭنى سەن!..."- چال سۆزىنى ئاخىرلىتىپ ئالدى چوڭ نەپەس، نودەر پۈتۈن كۈچى بىلەن بولدى زەبەردەس. ٭٭٭ ماۋەن بوۋاي پولات قىلىچ تۇتۇپ قولىغا، قاتناشقاندى ئۇلۇق "تەيپىن" قوزغىلىڭىغا! شۇ ۋاقتىدا ئۇ جىگىرمە ئۈچكە ئۇلاشقان. ھازىر بولسا ئاتمىش ئالتە كۆزى تولاشقان... بىراق ئۇنىڭ قەلبى كۈچلۈك، - قېرى ئىسيانكار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىمۇ باتۇر جەڭگىۋار... ------ ٭ ئەرخان---خىتاي خەلقىنىڭ داڭلىق ناخشىسى. ٭ ئۇزۇن قۇلاق – (قازاقچە ئىبارە) سۆز توشۇغۇچى، ئايغاقچى. ٭ چاڭغۇڭ – ئايلىق مالاي (ياللاڭھۇچى). ٭ دوغا – پومېشىكلارنىڭ دېخانچىلىق ئىشىنى باشقۇرغۇچىسى. تۆرتىنچى باپ |