غەزەپ بىلەن سۆزلەپ كەتتى ئاچچىق زەردىدە: "... زالىم شاڭىيۇ بەگلەر بولدى جۇتقا غوجايىن، ئازاپ-كۈلپەت، زۇلۇم ياغدى ئەلگە ئىنتايىن. ئىلان-چايان، قاغا-قۇزغۇن يايراپ كەڭ-تاشا، ھەر تەرەپكە سالدى ئۇلار زەنجىردىن قاشا. ئاتام ئۆتتى مالاي بولۇپ زومىگەر بەككە، ئوغۇل كۆرمەي، ئۆمۈر بويى ئىشلىدى يەككە. مېنى بېقىپ، يەتكۈزدى ئۇ ئون سەككىز ياشقا، ئېغىر كۈنلەر كەلدى بۈگۈن بۇ ئەزىز باشقا... يارىم بىلەن ئارام-خۇدا جۈرەلمەيمەن تېچ، كۈندۈز كۈنى ئوچۇق-يورۇق كۆرەلمەيمەن ھېچ. ئەتراپىمدا چىل بۆرىلەر ھۇلايدۇ كۈندە، يارنى ئىزلەپ يۇلتۇز ساناپ جۈرىمەن تۈندە. قاراڭغۇ تۈن قايغۇ-ئالەم بولدى ھەمرايىم، لېكىن يوقتۇر ئەل ئالدىدا قىلچە گۇنايىم. گۇناسىز ئەل ئۆلكىسىنى باستى جاھالەت، جۇت سورىغان "ئۇلۇقلاردا" يوقتۇر ئادالەت. رەھىم-شەپقەت قىلمىدى ھېچ خەلىققە تەڭرى، پەقەت زامان "بەگلەر ئۈچۈن!" بولدى كەڭ-كەڭرى!.." باغنىڭ ئىچى تېپ-تېچ، پەقەت شىلدىرلار ياپراق قايناپ-تېشىپ ئاقار ئاستا ئىسىيانكار بۇلاق. بۇلاق بويلاپ ئېچىلغان ھەم قىزىل گۇناۋاز، قىزغا قاراپ ئېغاڭلايدۇ قىلىپ گۆزەل ناز. كقك ئۈزىنى قارا بۇلۇت كەلمەكتە قاپلاپ، ئايمۇ ماڭدى تاغ ئارتىغا بۇلۇت ئارىلاپ. ئۇزاقلاردىن ئاڭلىنىدۇ دەرىيا شاۋقۇنى، قىز قەلبىنى كقيدۈرىدۇ ئىشق يالقۇنى. خىيالىدا كۈلۈپ كېلەر سۆيگەن ئاشىغى، قاينار ئۇنىڭ جۈرىگىدە سۆيگۈ قوشىغى… قىزنىڭ ناخشىسى: "قاراڭغۇدا قارىياغاچ كۆرۈنەر سېدە، زۇلۇم بىلەن ياش جۈرەكلەر بولماقتا زېدە. زېدە بولغان جۈرەكلەرنىڭ دەردى بەك تولا، باغ ئارىلاپ ئاقتى تالاي قانچە لاي سۇلار..." قىز بىردىنلا توختىدىدە، قارىدى باققا، يوپۇرماقلار شىلدىرلىغان قاراڭغۇ ياققا. شۇ ئارىدا باغ كەينىدىن ناخشا ئاڭلاندى: قىز جۈرىگى "جۇغ" قىلدىدە، ئوت ئېلىپ ياندى. نودەرنىڭ ناخشىسى: "شۇندىن-شۇڭھا كەلگەنلىگىم سەن يار ئۈچۈندۇر، جەۋرى-جاپا چەككەنلىگىم دىدار ئۈچۈندۇر، تاڭ ئاتقىچە پۇغان چېكىپ سايرايدۇ بۇلبۇل، چۈنكى ئۇنىڭ سايرىشى ھەم گۈلزار ئۈچۈندۇر. ئېگىز تاغنىڭ قارىغايلىرى ساينى تالاشۇر، ياخشى بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر خويما ياراشۇر..." يېقىنلىشىپ قالدى نودەر يارى بار باققا، سىم-سىم يامغۇر تىرسىلدىتىپ تېگەر ياپراققا. گۈل ئارىلاپ قوشۇلغاندەك ئىككى ئېرىق سۇ، بۈگۈن كېچە ئۆز يارىنى كۆردى جىگىتمۇ... قىز قوزغىلىپ كۈلۈمسىرەپ ماڭدى ئورنىدىن، شۇ چاغ نودەر باققا ئىرغىپ چۈشتى شورىدىن. باغ ئىچىدە كۆردى جىگىت ئەزىز يارىنى، يارى ئۈچۈن بېغىشلار ئۇ دىلدا بارىنى. ناخشا بىلەن ئەھۋال بايان قىلىپ يارىغا، ئېرىق ئاتلاپ ماڭدى جىگىت قىزنىڭ ئالدىغا. جىگىت كېلىپ، ئۆز يارىنىڭ تۇتتى قولىنى، قىزنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىگە باستى لېۋىنى. بۇلبۇل ئورغۇپ، گۈل ئارىلاپ، قىلدى خۇش ناۋا، ئىككى ئاشىق ئىزلەر مۇندا دەردىگە داۋا... ئۈچىنچى باپ ماۋەن بوۋاينىڭ ھېكايىسى كاككۇك مۇڭلۇق سايرىماقتا قاراڭغۇ باغدا، ماۋەن بوۋاي ئولتىراتتى ئۆيدە شۇ چاغدا. ئۇ جانىۋارنىڭ غېرىپ ئۈنى تېگىپ جۇرەككە، (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |