باشلاپ كەتتى ماۋەن بوۋاي مۇنداق ھېكايە: "... دەل بۇنىڭدىن جىگىرمە جىل ئىلگىرى ئوغلۇم، سالغان ئېدى ئەڭگە شاڭيو ئەلگە كۆپ زۇلۇم. زومىگەرنىڭ تورت خوتۇڭھا تويماتتى نەپسى، چۈنكى ئۆزى ئەزەلدىنلا بۆرىنىڭ نەسلى. خەلپەمنىڭكى كىچىك خوتۇنى "چىرايلىق" خانزات، ھەپتىدە بىر شاڭيو بىلەن ئوينار ئېدى شات. بۇنى سېزىپ، ئاتاڭ ئېلەم جۈرىدۇ پايلاپ، ئۇنىڭ يالغۇز بىر پەيتىنى كۈتىدۇ ئايلاپ. بىر كۈنى كەچ شامدىن كېيىن، خانزات ئۆيىگە، كەپتۇ بىر چال ئىككى ئاتنى قوشۇپ مەپىگە. دادىسىنىڭ تۇيۇقسىزدىن ئاتتىن جىقىلىپ، ئېغىر ھالدا ياتقىنىنى دەپتۇ سىقىلىپ، ئاتىسىنى "ئىسلام شاڭيو" دەتتى خالايىق، زومىگەرگە شۇنداق قازا كېلىشى لايىق. خانزات ئاڭلاپ تېپىرلاپتۇ ياش ئېپ كۆزىگە، شۇ زامانلا كېتىپتۇ ھەم ئىسلام يۈزىگە. ئالدىراشتىن ئېيتالماپتۇ "ئۇزۇن قۇلاققا"! بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلىپ ئەڭگە چولاققا. ئاتاڭ بولسا بۇ پەيتنى بەرمەي قولىدىن، بىر پانا جاي ئىزلەپتۇ ھەم ئەشۇ ھويلىدىن. بېدە باسقان ئۆگۈزگە ئۇ ئاپتۇ يوشۇرۇنۇپ، گىرۋەكتىكى يوغان لىمنى ئالدىغا قويۇپ. بىلدۈرمەي ياساپ ئېلىپ ھەممە يېقىنى، دىققەت بىلەن كۈتۈپتۇ ئۇ ۋەھشى ئېيىقنى. باش توخۇدا زالىم شاڭيو ئاتنى ئوينىتىپ، دەرىيا ياختىن چىقىپ كەپتۇ قامچا سويلىتىپ. باغ تەرەپتىن كىرىپتۇ ئۇ غورۇنى ئېچىپ، لېكىن ئۇنى كۈتمەپتۇ ھېچ خانزادە چىقىپ. ئۆزى چۈشۈپ، ئېتىنى ھەم باغلاپتۇ چەتكە، "خەپ!" – دەپتۇ ئۇ، ساقال سىلاپ بۇ قىلغان دەرتكە... بىر يۆتىلىپ، ئۆزىن تۈزەپ، ئۆيگە مېڭىپتۇ. تۇيۇقسىزلا-ئۈستىگە لىم دۈگلەپ چۈشۈپتۇ. "ۋاي!.." – دەپتۇدە، زالىم شاڭيو يەرگە يېتىپتۇ. ئاتمۇ ئۈركۈپ، تىزگىن سىلكىپ، قاتتىق تېپىپتۇ. لېكىن زالىم رودۇپاينىڭ چىقماپتۇ جېنى، قولى سۇنۇپ، تۇمشۇغىدىن ئېقىپتۇ قېنى. ئايغاقچىلار تىمىسقىلاپ پۈتۈن يېزىنى، تاپالماپتۇ "ئەيىپدارنىڭ" باسقان ئىزىنى. بىر جىل كېيىن بۇ سىرىنى نېمە ئۈچۈندۇر، دوستۇم ئېلەم يولۋاس شۇمغا ئېيتىپ قويۇپتۇ. يولۋاس قاۋان جىگىرمە ياش ئېدى ئۇ چاغدا، چاڭگۇڭ٭ بولۇپ ئىشلەتتى ھەم ئەڭگە شاڭيودا. قارىيۈزلۈك قىلىپ يولۋاس مەرھۇم ئاتاڭغا، ھاجى دوغا٭ ئارقىلىق ئېيتىپتۇ بايغا. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لوزۇڭ چىقىپ مەلىگە، جان دوستۇمنى باغلاپ كەتتى دەھشەت تۈرمىگە. جىغلىدۇق بىز، قاخشىدۇق، ھېچ بولمىدى ئامال، شۇندىن بېرى ئۆتتى باشتىن قانچە سوغ شامال..." ھېكايىنى توختىتىپ چال دېمىنى ئالدى، غاڭزىسىغا تاماكىنى ئۇگىتىپ سالدى. تاڭ يورۇدى، لېكىن تۇمان باستى ئالەمنى، ئاچچىق غەزەپ يۆگەپ ئالدى قېرى ماۋەننى. سىم-سىم يامغۇر ئاستا تامچىپ، توختىدى ئەندى، نودەرنىڭكى شاڭيوغا زور نەپرىتى ياندى. دوستى مايەن كۆزنى ئۈزمەي قارايدۇ ئاڭا، ماۋەن بوۋاي داۋام قىلدى سۆزىنى يەنە: "نودەر، سېنىڭ بىرگە ئۆسكەن يولداشلىرىڭ بار، مايەن بىلەن، سايرامبايدەك قولداشلىرىڭ بار. مانا بۈگۈن جىگىرمە تۆرت ياشقا كىردىڭ سەن. ياخشى-يامان، ئاق-قارىنى تولۇق بىلدىڭ سەن. يوقسۇل ئەلنىڭ دۈشمىنىنى پەقەت دوست تۇتما! (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |